باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سانائەت ۋە ئۇچۇر مىنىستىرلىقى قاتارلىق 170 ئورگان، كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلار ئىس-تۈتەكسىز مۇھىت بەرپا قىلىشقا قاتناشتى

2013.05.29 17:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، بېيجىڭ شەھىرى ئىس-تۈتەكسىز ئىدارە-ئورگان قۇرۇلۇشى ۋە 26-قېتىملىق دۇنياۋى ئىس-تۈتەكسىز كۈن پائالىيىتى بۈگۈن باشلاندى، سانائەت ۋە ئۇچۇر مىنىستىرلىقى قاتارلىق 170 ئورۇن تۇنجى تۈركۈمدە ئىس-تۈتەكسىز ئىدارە-ئورگان قۇرۇلۇشى پائالىيىتىگە قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلدى. بۇ 170 ئورۇن ئىچىدە مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلار، گوۋۇيۈەن ئاپپاراتلىرى، مەركىزىي كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلاردىن 56سى، شەھەر، رايون دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگانلار ۋە كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىن 114ى بار.

  بېيجىڭ شەھەرلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك سەھىيە كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بېيجىڭ شەھىرى ئىس-تۈتەكنى تىزگىنلەش خىزمىتىدە مۇئەييەن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا تېخىمۇ كۆپ ئىدارە-ئورگانلارنىڭ ئىس-تۈتەكسىز مۇھىت قۇرۇلۇشى قوشۇنىغا كىرىشىگە توغرا كېلىدۇ. (ۋاڭ جۈنپىڭ خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە