باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كولومبىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىقلار كېلىشىم ھاسىل قىلدى

2013.05.29 17:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 27-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون 26-ماي باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، كولومبىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەرنىڭ تىنچلىق سۆھبىتىدە يېزىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  بان كىمون باياناتىدا مۇنداق دېدى: مەن تىنچلىق سۆھبىتىگە قاتناشقان ئىككى تەرەپ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ سۆھبەتتە باشقا مەسىلىلەردە بىردەكلىك ھاسىل قىلىپ، كولومبىيەدە ئۇزۇن يىل مەۋجۇت بولغان توقۇنۇشقا خاتىمە بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  خەۋەر قىلىنىشىچە، كولومبىيە ھۆكۈمىتى بىلەن كولومبىيە ئىنقىلابىي قۇراللىق كۈچلىرى ئېلان قىلغان بىرلەشمە باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: بۇ كېلىشىم كولومبىيە يېزىلىرى ۋە يېزا ئىگىلىكىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدا ئادىل ۋە دېموكراتىك شەكىلدە تۈپتىن ئۆزگىرىش ياسىشىنىڭ باشلىنىشى. كولومبىيە ھۆكۈمىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى دېراكا بۇ ھەقتە: تىنچلىق سۆھبىتى پرىنسىپىنى كۆزدە تۇتۇپ ئىككى تەرەپ بارلىق قارالمىلار ئۈستىدە كەڭ ئورتاقلىق ھاسىل قىلغاندىلا بۇ قېتىمقى كېلىشىم ئاندىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە