باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مالايشىيادا كېمە چۆكۈپ كېتىپ، 23 ئادەم يوقاپ كەتتى

2013.05.29 16:03         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مالايشىيا ساقچى تەرەپنىڭ 28-ماي ئېيتىشىچە ، شۇ كۈنى مالايشىيانىڭ ساراۋاك ئوبلاستىدا بىر كېمە چۆكۈپ كېتىپ ، ھازىرغىچە 181 ئادەم قۇتقۇزۇۋېلىنغان ، 23 ئادەمنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغان . ئىگىلىنىشىچە ، ئەسلىدە 74 ئادەم ئولتۇرىدىغان بۇ كېمىگە ، ھادىسە يۈز بەرگەندە نورمىدىن ئۈچ ھەسسە ئارتۇق ئادەم ئولتۇرغان .

  فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 28-ماي ئېيتىشىچە ، ھادىسە مالايشىيادىكى ئەڭ ئۇزۇن دەريا — راژاڭ دەرياسىدا يۈز بەرگەن . بۇ كېمە دەريادا كېتىۋاتقاندا تاشقا سوقۇلۇپ ئاغدۇرۇلۇپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن . ساراۋاك ئوبلاستلىق ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئاكىر مۇنۇلارنى دېگەن : ‹‹ 181 ئادەم قۇتقۇزۇۋېلىندى ، بىراق 23 ئادەمنىڭ تېخىچە ئىز-دېرىكى يوق ، 28-ماي كەچ سائەت 6:00 گىچە ، ھېچقانداق جەسەت بايقالمىدى ، قاراڭغۇ بولغاچقا ، بىز قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى ۋاقتىنچە توختاتتۇق ››. ھازىر، ئۆرۈلۈپ كەتكەن كېمە تېخىچە دەريادا ئىكەن ، بەزىلەر بىر قىسىم يولۇچىلار كېمىگە قامىلىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن ، دەپ ئەنسىرەۋېتىپتۇ . ئەنگىلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ 28-ماي خەۋەر قىلىشىچە، قۇتقۇزۇۋېلىنغان 181 نەپەر يولۇچىنىڭ بەزىلىرى ئۆزى ئۈزۈپ قىرغاققا چىققان ، بەزىلىرىنى كەنتتىكىلەر قۇتقۇزۇۋالغان .

  ئەنگىلىيە ‹‹ مۇھاپىزەت گېزىتى ›› نىڭ 28-ماي خەۋەر قىلىشىچە ، ساراۋاك ئوبلاستىدا دەريا ئاساسلىق تىرانسپورت تورى بولۇپ ، بىخەتەرلىك جەھەتتە ئىزچىل يوشۇرۇن خەۋپ ساقلىنىپ كەپتۇ ، بىراق ساراۋاك ئوبلاستىدا ئېغىر پاراخوت چۆكۈپ كېتىش ھادىسىلىرى بىر قەدەر ئاز كۆرۈلىدىكەن ، ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا پەۋقۇلئاددە زور پاراخوت چۆكۈپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بەرگەن بولۇپ ، شۇ چاغدا 13 ئادەم قازا قىلغان .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە