باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىن 26 كىشى نىزام چىقىرىش بويىچە مەسلىھەت بەرگۈچى مۇتەخەسسىسلىككە تەكلىپ قىلىندى

2013.05.30 13:35         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتى 28 – ماي چۈشتىن كېيىن، نىزام چىقىرىش بويىچە مەسلىھەت بەرگۈچى مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئېچىپ، روشەن تۇراخۇن قاتارلىق 26 كىشىنى ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ نىزام چىقىرىش بويىچە مەسلىھەت بەرگۈچى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىقىغا تەكلىپ قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن ئىمىرباقى يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  ئۇقۇشىمچە، نىزام چىقىرىش بويىچە مەسلىھەت بەرگۈچى مۇتەخەسسىس تۈزۈمىنى ئورنىتىش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىلمىي، دېموكراتىك نىزام چىقىرىشتىكى مۇھىم تەدبىرى بولۇپ، بۇ تۈزۈم 2006 – يىلى ئورنىتىلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتى ئىلگىرى – كېيىن 61كىشىنى مۇتەخەسسىسلىككە تەكلىپ قىلغان. بۇ قېتىم تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىسلەر ئىچىدىكى 13 كىشى ئالدىنقى نۆۋەت ۋەزىپە ئۆتىگەنلەر بولۇپ، قالغانلار ھەر قايسى سىياسىي – قانۇن ئورۇنلىرىدا قانۇنچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان سودىيە، تەپتىش، ئادۋوكاتلار، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پىروفېسسورلىرى ئىچىدىن يېڭىدىن تاللانغانلار ئىكەن. بۇ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكلىپ قىلىنىش مۇددىتى بەش يىل بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىدىكىلەر بەش يىل جەريانىدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتىدىكىلەرنىڭ بىر تۇتاش قاراپ چىقىشىغا قانۇنىي جەھەتتىن ياردەم بېرىدىكەن ھەم مەسلىھەت بېرىش، ئەقىل كۆرسىتىش رولىنى جارى قىلدۇرىدىكەن.

  ئەركىن ئىمىرباقى مۇنداق دېدى: نىزام چىقىرىش بويىچە مەسلىھەت بەرگۈچى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىدىكىلەر يېڭى ۋەزىيەتتە يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىگە ئاكتىپلىق بىلەن ئاتلىنىپ، ئەقىل – پاراسىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ۋاقىتنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، نىزام چىقىرىشقا مەسلىھەت بېرىش خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى تېرىشىپ ئۆستۈرۈپ، قىممىتى بار پىكىر، تەكلىپلەرنى كۆپرەك بېرىپ، پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نىزام چىقىرىش خىزمىتىنىڭ يېڭى باسقۇچقا كۆتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دېموكراتىك قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاپتونوم رايوننى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش مۇساپىسىدە تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشى كېرەك. (مېھرىگۈل تۇردى خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە