ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشتە ئۈچ ‹‹ئۆتكەل›› نى بۆسۈپ ئۆتۈش كېرەك (1)
2013.05.31 16:11 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
گوۋۇيۈەن رەھبەرلىرى ئاپپاراتلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، فۇنكسىيەنى ئۆزگەرتىشنى ‹‹ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى›› دەپ ئاتىدى. بەزى مۇتەخەسسىسلەر ۋە كارخانا مەسئۇللىرى بۇ ‹‹ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى››دا ھەقىقىي ئەمەلىي ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۈچ مۇستەھكەم ‹‹ئۆتكەل›› دىن بۆسۈپ ئۆتۈش كېرەكلىكىنى مۇراجىئەت قىلدى.
بىرىنچىسى، ‹‹بىيۇروكراتلىق›› ئۆتكىلى
‹‹مەنسەپچىلىك›› ئىدىيەسى ھازىرمۇ يەنىلا نۇرغۇن ئەمەلدارلاردا ئىپادىلىنىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامدىكى بەزى تارماقلاردا ئەمەلدارلارنىڭ مەنسىپى چوڭ بولمىغىنى بىلەن بىيۇروكراتلىق ئىدىيەسى ئېغىر. بىز ئاساسىي قاتلامنى زىيارەت قىلغاندا رەھبەرلەرنىڭ ھامان مۇلازىمەت قىلىنىش ئوبيېكتى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا ئۇلارغا تاماكا تۇتىدىغان، ئىشىك ئېچىپ بېرىدىغان، ئورۇن بوشىتىپ بېرىدىغان، يامغۇرلۇق كۈنلەردە كۈنلۈك تۇتۇپ بېرىدىغانلارنىڭ ھەر قاچان تەييار ئىكەنلىكىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق، ۋاھالەنكى، بەزى رەھبەرلەر بۇنى ‹‹شۇنداق بۇلۇشى كېرەك›› دەپ قارىغان.
‹‹ھوقۇق دېمەك باشقۇرۇش دېمەكتۇر›› دەپ قارايدىغان بەزى رەھبەرلەر كارخانىلارنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە ئامراق. بەزى چوڭ كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى: كارخانا يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلالىغانلىقى ئۈچۈن، ھۆكۈمەت ھەر يىلى نەچچە ئون تۈركۈم كىشىنى كارخانىلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا ئەۋەتىدۇ، دېدى.
ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بەزى ئەمەلدارلار كارخانىلارغا قارىتا ئومۇميۈزلۈك ھالدا ‹‹سېنىڭ پۇلۇڭ بولسا، مېنىڭ ھوقۇقۇم بار›› دېگەن قاراشتا ئىكەن. غەربىي قىسىمدىكى بىر كارخانىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت تارماقلىرىغا بېرىپ بىرەر ئىشنى بېجىرىشكە توغرا كەلگەندە، مەيلى ئۇ ئىش چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن، چوقۇم دىرېكتور ئۆزى بېرىشى كېرەك، بولمىسا ئالاقىدار تارماقلار ‹‹يۈز قارىمايدۇ››. بەزىدە دىرېكتور ئالدىراش بولۇپ قېلىپ، قول ئاستىدىكىلەرنى ئەۋەتسە، ئالاقىدار خادىملار قوبۇل قىلمايدۇ. ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ‹‹ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشى›› ئۇلارنىڭ كارخانىلار ‹‹ۋاي – ۋاي›› دەپ خوشامەت قىلىپ تۇرىدىغان تۇرمۇشتىن ۋاز كېچىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە