باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت ئۆسمۈرلەر ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە ‹‹1–ئىيۇن›› خەلقئارا بالىلار بايرىمىنى تەبرىكلىگەندە مۇنداق تەكىتلىدى: بالىلار تېخىمۇ ياخشى ئۆسۈپ يېتىلسۇن (1)

2013.05.31 16:08         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ‹‹1 – ئىيۇن›› خەلقئارا بالىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 29 – ماي چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ شەھەرلىك ئۆسمۈرلەر سارىيىغا كېلىپ، بېيجىڭغا پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا كەلگەن مەملىكىتىمىزدىكى 56 مىللەتتىن بولغان، كونا ئىنقىلابىي رايون، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردىكى ئۆسمۈرلەر، تۇغما يۈرەك كېسىلى بار بالىلار ۋە دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى، شۇنداقلا پايتەختتىكى ئۆسمۈرلەر ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 1600 دىن كۆپرەك بالا بىلەن بىرلىكتە ‹‹شادىمان بالىلار، قاناتلانغان ئارزۇ›› باش تېما قىلىنغان ئەترەت پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، مەملىكىتىمىزدىكى بارلىق ئۆسمۈرلەرنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ سائەت 3 ئەتراپىدا ئۆسمۈرلەر سارىيىغا كەلگەندە، مىللىيچە كىيىملەرنى كىيگەن ھەر مىللەت پىيۇنېرلار ۋە پايتەختتىكى ئۆسمۈرلەر ۋەكىللىرى ئۇنىڭغا سالام بەردى، ئارقىدىن بىر پىيۇنېر چىقىپ شى جىنپىڭغا قىزىل گالىستۇك تاقاپ قويدى. شى جىنپىڭ بالىلارغا سالام يوللىدى ھەم بالىلار بىلەن قىزغىن پاراڭلاشتى.

  ئۆسۈملۈكلەر باغچىسىنىڭ زىرائەتلەر رايونىدا شوخلا، كەرەپشە قاتارلىق كۆكتاتلار ئوخشاپ كەتكەنىدى، بالىلار بۇ يەردە يەرلەرنى تۈزەش، ئۇرۇق سېلىش، كۆكتاتلارنى ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش ئىدى. شى جىنپىڭ بالىلارنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئەمگەك مېۋىلىرىنى كۆردى ھەم زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ ئاخراس مايسىسى تىكىۋاتقان ئىككى بالا بىلەن پاراڭلاشتى. شى جىنپىڭ بالىلارغا: سىلەر كىچىكىڭلاردىن باشلاپ ئەمگەك شەرەپلىك، دېگەن ئىدىيەنى تۇرغۇزۇپ، ئۆزۈڭلارنىڭ ئىشىنى ئۆزۇڭلار قىلىپ، باشقىلارغا ياردەم بېرىپ، جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئەمگەككە تايىنىپ ئۈمىد گۈللىرىنى ئىچىلدۇرۇشىڭلار، شۇنداقلا ئەمگەك ئارقىلىق ئىرادەڭلارنى تاۋلاپ، ئۆزۈڭلارنى چېنىقتۇرۇشىڭلار كېرەك، دېدى.

  شى جىنپىڭ شەھەرنىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈش سۇپىسىغا كەلگەندە، بالىلار ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئاپپاراتتا مۇھىت فاكتورىلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى كۆرۈۋاتاتتى، شى جىنپىڭ بالىلارنىڭ يىنىغا كېلىپ، بالىلار بىلەن بىرلىكتە مۇھىت ئاسراشقا ئائىت چۈشەنچىلەر توغرىسىدا پىكىرلەشتى.

  شى جىنپىڭ ئارقىدىن ئۆسمۈرلەر سارىيىنىڭ 2 – قەۋىتىدىكى ‹‹ئەنئەنىۋى سەنئەت›› رايونىغا كېلىپ، بۇ يەردە سەنئەت بۇيۇمى ياساۋاتقان، تۇغما يۈرەك كېسىلى ساقايغان بىرنەچچە بالىنى يوقلىدى. بۇ بالىلار خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى بېيجىڭدا ھەقسىز داۋالاشقا تەكلىپ قىلغانلار ئىدى، ئۇلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ ئەسەرلىرىنى ئۇنىڭغا بەس – بەستە كۆرسەتتى. شى جىنپىڭ ئۇلارنىڭ ھال – ئەھۋالىنى سەمىمىي سورىدى ھەم ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە