- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭدا توردا ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتى 12-ئىيۇندىن 22-ئىيۇنغىچە ئۇزارتىلدى
2013.05.31 17:21 مەنبە: خەلق تورى
دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇ يىل ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى بۇلتۇرقىدىن بىر ئاي كېچىكتۈردى. شۇڭا شىنجاڭدا توردا ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتىمۇ كەينىگە سۈرۈلۈپ، 12-ئىيۇن سائەت 8:00دىن 22-ئىيۇن سائەت 20:00گە توختىتىلدى. (بېيجىڭ ۋاقتى)30-ماي، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى «ئاپتونوم رايونلۇق 2013-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئارزۇ تولدۇرۇش خىزمىتى ئۇقتۇرۇشى»نى تارقاتتى.
ئۇقتۇرۇشتا، 10-ئىيۇندىن باشلاپ شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى (http://www.xjzs.edu.cn) ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تورىنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇش سېستىمىسىدا خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە 3 خىل يېزىقتىكى «2013-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ شىنجاڭدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى كەسپى تېزىملىكى» ئېلان قىلىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلار تەپسىلىي ئوقۇپ ئارزۇ تولدۇرۇش ئېلىپ بارسا بولىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە