باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا 6 تىرىليون دوللارلىق مەۋھۇم پۇلغا چېتىلىدىغان پۇل يۇيۇش دېلوسىنى پاش قىلدى

2013.05.30 16:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ماي لوس-ئانجىلىس ۋە نيۇيوركتىن بەرگەن خەۋىرى: ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئەمەلدارى 28-ماي توردا پۇل ھېساب يۆتكەش شىركىتى ‐‐ ئەرك زاپاس بانكىسىنى 6 تىرىليون دوللارلىق دۆلەت ھالقىغان پۇل يۇيۇش دېلوسىغا چېتىشلىق دەپ ئەيىبلەپ، فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇندى.

  ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا، كوستارىكا، پاناما، شىۋېتسىيە، شىۋىتسارىيە ۋە ئىسپانىيە قاتارلىق 17 دۆلەتنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش تارمىقى بىرلەشمە ھەرىكەت قوللىنىپ، يەتتە جىنايەت گۇماندارىنىڭ بەشىنى قولغا چۈشۈرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە باش ئىشتابى كوستارىكاغا جايلاشقان «ئەرك زاپاس بانكىسى»نىڭ قۇرغۇچىلىرى ئارتور بودوۋىسكىي (39 ياش) بىلەن ۋىلادىمىر كەيس (41 ياش) ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىسپانىيە ۋە ئامېرىكىدا قولغا چۈشكەن.

  ئەرزنامىدە مۇنداق دېيىلدى: «ئەرك زاپاس بانكىسى» قۇرۇلغان يەتتە يىلدىن بۇيان پۈتۈن دۇنيادىكى كەم دېگەندە بىر مىليون ئابونتقا 55 مىليون قېتىم قانۇنسىز ھېساب يۆتكەپ بېرىش سودىسىنى بىر تەرەپ قىلىپ، «دۇنيادىكى تور جىنايەتچىلىرى قانۇنسىز تاپاۋىتىنى بۆلۈشىدىغان، زاپاس ساقلايدىغان ۋە يۇيىدىغان ئاساسلىق ۋاسىتىگە ئايلاندى... ئۇ كىرېدىت كارتا ئالدامچىلىقى، مەبلەغ سېلىش ئالدامچىلىقى، كومپيۇتېر قەستكارى، زەھەر ئەتكەسچىلىكى قاتارلىق جىنايى قىلمىشلارغا چېتىلىدۇ، چېتىلىش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى كىشىنى چۆچۈتىدۇ.»(چېن يىمىڭ، دىڭ شياۋشى خەۋىرى؛جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە