باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

گۈزەل شىنجاڭ، ئەخلاقنىڭ مۇقەددەس جايى

2013.05.31 17:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، 10 نەپەر تۆتىنچى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق ئۈلگىسى نامزاتلىرى ئاشكارىلاندى شۇنداقلا 50 نەپەر ئۈچىنچى نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەخلاق نامزاتلىرىغا بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىپ، تېزلىكتە جامائەت پىكرى ۋە ئامما مۇلاھىزە قىلىدىغان قىزغىن نۇقتىسىغا ئايلاندى.

  رەيھانگۈل ئۆمەر، ئەنۋەر مەنسۇر، جۈماتاي ئېربېك، چېن جۈنگۇي .. قۇلاققا تۇنۇش بولۇپ قالغان بۇ ئىسىملار يەنە بىر قېتىم بىزنى تەسىرلەندۈرۈپ، يەنە بىر قېتىم بىزگە ئەخلاققا چاقىرىقى بولۇپ قالدى.

  ئۇلارنىڭ ئالىيجاناپ پەزىلىتى، شىنجاڭ ئەخلاق قۇرۇلۇشىنىڭ مول ـ ھوسۇللۇق نەتىجىسىنى نامايان قىلىپلا قالماي، شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئېسىل ئەخلاقى پەزىلىتىنى نامايان قىلدى.

  ئەسىرلەردىن بۇيان، شنجاڭدىن ئىبارەت بۇ كەڭ كەتكەن مۇنبەت تۇپراقتا، كۆپ خىل مىللەت ۋە كۆپ خىل مەدەنىيەتنىڭ تەسىرلىشىشى شىنجاڭلىقلارنىڭ مەرد، باتۇر، كەڭ قۇرساقلىق خاراكتېرىنى تاۋلاپ چىقتى شۇنداقلا شىنجاڭلىقلاردا ئۆزگىچە بولغان ساپ، سەمىمىي، ئۆز ئارا ياردەم قىلىشنى خالايدىغان، ئىشەنچ قاتارلىق ئەخلاق گېنلىرىنى بەرپا قىلدى.

  ئەخلاق جەمئىيەتنىڭ چىرىقى. بىز تۇرۇۋاتقان دەۋر ئالىيجاناپ غايە ۋە ئۇلۇغۋار روھقا، نەمۇنىلىك كىشىلەرنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىشىگە ئېھتىياجلىق. بۇ بىزنىڭ ئىجتىمائىي مەسئولىيىتىمىز شۇنداقلا دەۋرنىڭ بىزگە يۈكلىگەن مۇھىم بۇرچى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە