- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


تالىبانلارنىڭ ئىككىنچى نومۇرلۇق رەھبىرى راھمان پاكىستاندا ئامېرىكا ئادەمسىز ئايروپىلانىنىڭ ھۇجۇمىدا ئۆلدى
2013.05.30 15:35 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورىنىڭ 30-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. قاتار يېرىم ئارىلى تېلېۋىزىيە ئىستانسىىسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستان تالىبانلىرىنىڭ ئىككىنچى نومۇرلۇق رەھبىرى ۋەلى راھمان ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بىر قېتىملىق ئادەمسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا ئۆلگەن.
راھمان پاكىستاندىكى تالىبانلارنىڭ ئىككىنچى نومۇرلۇق رەھبىرى بولۇپ، ئوي-پىكىرى ئوچۇق، تېرورلۇق ھوجۇملارنى پىلانلاشقا ئۇستا بولۇش بىلەن داڭق چىقارغان. 2012-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئۇ پاكىستاندا تالىباننىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق رەھبىرى ماھسۇد بىلەن ھوقۇق كۈرىشى ئېلىپ بېرىپ، ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن. بۇنىڭدىن بۇرۇنقى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بېن لادىن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇ يەنە سىنلىق سۆز قىلىپ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بازا تەشكىلاتى رەھبىرى بېن لادىننى ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۆچ ئالىدىغانلىقىنى، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى 10 نۇقتىدا تېرورلۇق ھۇجۇم قوزغايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە