باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تېررورچىلار كىشىلەرنىڭ يۈرىكىنى مۇجىۋاتىدۇ(2)

2013.06.03 16:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەلۋەتتە بۇ ئۆلچەملىك ئېنىقلىما ئەمەس، بىر قىسىم كىشلەرنىڭ ئايرىم بىر مەسىلىلەردە كۆز قاراشلىرى ئوخشىمايدۇ.

  بىر قىسىم كىشىلەر بۇ خىل تەشكىلسىز تېررورىزىمنى 1901-يىلى يۈز بەرگەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ۋېليامنىڭ قەستكە ئۇچراش ۋەقەسى، مارتىن كىن ۋە كېنېدىنىڭ قەستكە ئۇچراش ۋەقەسى، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا يۈز بەرگەن بىر قاتار قەستكە ئۇچراش ۋەقەلىرى، پارتلىتىش ۋە ئايروپىلان بۇلاش ۋەقەلىرىگە باغلاپ چۈشەندۈردى. يېقىنقى يىللاردىكى ۋەقەلەر بولسا بوستوندىكى پارتلىتىش ۋەقەسى، نورۋېگىيەدىكى 22-ئىيۇل پارتلىتىش ۋە ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى، فىرانسىيەنىڭ تۇلۇز شەھىرىدە يۈز بەرگەن زەنجىرسىمان ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى، ۋە ئامېرىكىدىكى ئوۋرالا كىنوخانىسىدا يۈز بەرگەن ئوققا تۇتۇش ۋەقەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  بۇ شۇنى چۈشەندۇرىدۇكى، دۇنيا يېڭى بىر تېررورىزىمنىڭ يەنى تەشكىلسىز تېررورىزىمنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراۋاتىدۇ.

  يازغۇچى جېفرى سىمون «دىپلوماتىيە سىياسىتى» ناملىق ژۇرنالدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى قوزغاشقا كېرەكلىك تېخنىكا ۋە مەبلەغكە ئېرىشنىڭ ئاسان بولۇشىغا ئەگىشىپ، تەشكىلسىز تېررورلۇق ھۇجۇملىرى كۈنسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىپ بارىدۇ. ئېنىقلىما بېرىش ۋە مەلۇمات توپلاش جەھەتتە پەرق بولغانلىقى، تەشكىلسىز تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا بولسان ئىستاتىستىكىنىڭ ئوخشىمانلىقى ئۈچۈن، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە قانۇن ئىجرائىيە ئورگانلىرى بۇ خىل تەھدىت زورىيىۋاتىدۇ دەپ ھېسابلاۋاتىدۇ، دېدى. بۇ خىل تەھدىتنىڭ قورقۇنۇچلۇق يېرى شۇكى، بىر كىشى ئەسەبىي ئىدىيە ۋە ئۆچ ئېلىش پىسخىكىسى بىلەن تەشكىلسىز ھەرىكەت قىلىدۇ، تاسادىپىيلىقلىقى يۇقىرى، ئۆزىنى يوشۇرۇش تېخىمۇ ئەپلىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۇجۇم نىشانى مۇقىمسىز، بايقاش ۋە ئىز قوغلاش ناھايىتى قىيىن، زىيىنى تېخىمۇ ئېغىر.

  بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭ ئىجتىمائىي سەۋەبىنى تەھلىل قىلىپ، تەشكىلسىز ھۇجۇمنىڭ يامرىشى ياۋروپا-ئامېرىكىدىكى پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ۋە قەرز كىرىزىسنىڭ ئىجتىمائىي ئاقىۋەتلىرىنىڭ بىرى، ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشى، قەرز كىرىزىسىنىڭ يامراپ كېتىشى، ئىشىسىزلىق نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى، جەمئىيەتنىڭ كۆچمەنلەرنىڭ ئىشلىشمەي چىشلىشى، خىزمەت ئورنىنى ئىگەلىۋېلىشىغا نارازى بولۇشى، ئوبيېكتىپ جەھەتتىكى مىللەتچىلىك، شوۋىنىزىمنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشى تەشكىلسىز تېررورىزىمغا؛ بىر قىسم دۆلەتلەردە ئوڭ قانات ئىدىيەسىنىڭ باش كۆتۈرۈشى جەمئىيەتتىن ئۆچ ئالىدىغان تەشكىلسىز تېررورچىلارغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى، دېدى.

  تېررورىزىمغا قارشى ئىككى مەيدان ئۇرۇش ياۋروپا-ئامېرىكا جەمئىيىتىنى پارچاقلاپ تاشلىدى. ياۋروپا-ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئىسلام جەمئىيىتىگە بولغان ئۆچمەنلىكى ۋە ئۇنى كەمسىتىشى ئۆچ ئېلىش ئۇرۇقىنى چېچىۋەتتى. ئىرق مەسىلىسىنىڭ كۈچىيىشى جەمئىيەتنىڭ گىربىۋىكىدە يۈرىۋاتقان ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ تېررورىزىم ھەرىكەتلىرىگە ئارىلىشىشىغا سەۋەبچى بولدى. شەك شۈبھىسىزكى، تەشكىلسىز تېررورىزىمنىڭ باش كۆتۈرۈشى غەرب دۇنياسىنى ناھايىتى ئەنسىرەتتى. بەزى مۇتەخسسىسلەر تەشكىلسىز تېررورىزىمدىن مۇداپىئەلەنگىلى بولمايدۇ، دېدى.

  كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارغا ئىگە بولۇشنىڭ بارغانسېرى ئاسانغا چۈشىشىگە ئەگىشىپ، تەشكىلسىز تېررورىزىمنىڭ تەھدىتىمۇ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ.

  قانۇن ئىجرائىيە ئورۇنلىرى ئىلگىرى تېررورلۇق تەشكىلاتلارغا سىڭىپ كىرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق تېررورچىلارنى قولغا ئالاتتى، لېكىن تەشكىلسىز تېررورچىلارغا ئامال قىلالمايدۇ.

  تەشكىلسىز تېررورىزىمنىڭ ئەڭ چوڭ خىرىس بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانداق كېرەك؟ ھەقىقەتەن، سىياسىينى تىلغا ئالماي، تېخنىكا جەھەتتىن سۆزلىسەك، تەشكىلسىز تېررورچىلارنى پەرق ئېتىش ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ئەڭ چوڭ مەسىلىسى.

  تەھلىللەرگە قارىغاندا، تەشكىلسىز تېررورچىلارنىڭ پەيدا بولۇشى ئىجتىمائىي سەۋەبتىن ئىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە سەل قاراشقا بولمايدىغىنى ئۇرۇش ئېلىپ كەلگەن پىسخىكىلىق ئازاب ۋە ئۆچ ئېلىش ئىدىيەسى ئىكەن، شەخسىي سەۋەبتىن جەمئىيەتتىن ئۆچ ئېلىش ئامىلىنىمۇ يوق دېگىلى بولمايدىكەن. جەمئىيەت قاتلىمىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، شەخسي تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن ساقلىنىشنىڭ مۇھىم نۇقىتىسى خەلقنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشتۇر، قانۇن تورىنى كەڭ يېيىپ كىشىلەرنى بىسەرامجان قىلغاندىن كۆرە، ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈپ، تېررورىزىمنىڭ يامراپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

  ياۋروپا-ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ تېررورىزىمغا قارشى ئىستراتېگىيەسى ئۈستىدە ئويلىنىشى لازىم، تېررورىزىمنىڭ قانچە باسقانسېرى شۇنچە ئەۋج ئېلىشىنىڭ سەۋەبى، غەرب ئەللىرى كۆپ ئەھۋاللاردا ئۆزى مەنپەئىتى ئۈچۈن باشقا دۆلەتلەرنىڭ دىنىي ۋە ئىرقىي مەسىلىسىگە ئېتىبار بەرمەيدۇ. زومىگەرلىك ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىپ باشقا دۆلەتلەر بىلەن باراۋەر ئالاقە قىلىش ياكى قىلالماسلىق بىر چوڭ مەسىلە.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە