باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا قېتئەسى سەپىرىدىكى ئۈچ بىرىنچى قېتىم

2013.05.31 16:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۈگۈن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تىرىنىداد ۋە توباگو، كوستارىكا، مېكسىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ھەمدە ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتى ئەنېنبورگ قورۇقىدا زۇڭتۇڭ ئوباما بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن يولغا چىقىدۇ.

  شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىملىق ئامېرىكا قېتئەسى سەپىرىدە مۇنداق ئۈچ «بىرىنچى قېتىم» بار: رەئىس شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم لاتىن ئامېرىكىسى رايونىنى زىيارەت قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ دۆلەت باشلىقى تۇنجى قېتىم ئىنگلىز تىلى قوللىنىدىغان كارىب دۆلەتلىرىدە زىيارەتتە بولىدۇ، شۇنداقلا جۇڭگو ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەت ئالماشقاندىن كېيىنكى ئالىي رەھبەرلىرى تۇنجى قېتىم ئۇچرىشىدۇ. بۇ قېتىملىق سەپەر جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي ئۆزئارا ئىشەنچ ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا زور ئەھمىيەتكە، چوڭقۇر، ئۇزاق تەسىرگە ئىگە.(جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە