باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭدا تاكسى ئىسلاھاتىغا دائىر بىر قىسىم تەدبىرلەر 1-ئىيۇندىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ

2013.05.31 16:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەتىدىن باشلاپ، تاكسى ئىسلاھاتىغا دائىر قىسمەن تەدبىرلەر رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ. پۈتۈن شەھەر بويىچە بىر تۇتاش تاكسى چاقىرىش سۇپىسى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ، شەھەر ئاھالىسى ئالدىن كېلىشىپ تاكسى چاقىرماقچى بولسا 96106 غا تېلېفون قىلسا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، پۈتۈن شەھەر بويىچە ھەرقايسى تاكسى ئورۇنلاشتۇرۇش پونكىتلىرى(تىجارەت پونكىتلىرى) ھەقسىز تاكسى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە يۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئورۇنلاشتۇرۇش پونكىتلىرىغا كىرگەن تاكسى شوپۇرلىرىدىن پونكىتقا كىرىش ھەققى ئېلىنمايدۇ.

  بېيجىڭ شەھىرى تاكسىىدا ئولتۇرۇش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىل 4-ئاينىڭ 16-كۈنى «تاكسى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تىجارەت مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلىپ، تاكسى سانىنى كۆپەيتىش، تېلېفون بىلەن تاكسى چاقىرىشنى ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق «بىر يۈرۈش ئۇنىۋېرسال تەدبىر»لەرنىئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر يىلدىن ئىككى يىلغا قەدەر ۋاقىت ئىچىدە «تاكسىغا ئولتۇرۇش قىيىن بولۇش» ئەھۋالىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىماقچى بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە