يىمەكلىك تەركىبىدىكى بۇلغىما ماددىلار چېكى» 1- ئىيۇندىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلدى
2013.06.03 15:51 مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى
سەھىيە مىنىستىرلىقى يېڭىدىن تۈزگەن يىمەكلىك بىخەتەرلىكى دۆلەت ئۆلچىمى- «يىمەكلىك تەركىبىدىكى بۇلغىما ماددىلار چېكى» 1- ئىيۇندىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلدى. يېڭى دۆلەت ئۆلچىمى ئىلگىرىكى يىمەكلىك ئۆلچىمىنى ئېنىقلاش ۋە رەتكە سېلىش ئاساسىدا قوغۇشۇن، كادمىي، سىماپ، ئارسىن قاتارلىق 13 خىل بۇلغىمىنىڭ دانلىق زىرائەت، كۆكتات، مىۋە- چىۋە، سۇ مەھسۇلاتلىرى، تېتىتقۇلار، ئىچىملىك، ھاراق قاتارلىق 20 نەچچە خىل يىمەكلىك تەركىبىدىكى مىقدارىغا چەك قويدى. سېلىن، ئاليومىن، فتور قاتارلىق 3 تۈردىكى كۆرسەتكۈچنى چىقىرىپ تاشلىدى. 160 نەچچە تۈرلۈك چەك كۆرسەتكۈچىنى بېكىتىپ چىقتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە