باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر شىنجاڭغا كېلىپ، كەسپىي مائارىپنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

2013.06.03 08:39         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مىللەتلەر، دىن كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، مەركەز بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ سابىق دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى جۇ ۋېيچۈن باشچىلىقىدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر شىنجاڭغا كېلىپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ كەسپىي مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدا مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر 30 – ماي چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2012 – يىلىغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە كەسپىي مەكتەپلەر 205 (بىڭتۈەننىڭ ئىنستىتۇت، مەكتەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)كە يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئالىي كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى، ئالىي كەسپىي تېخنىكوملاردىن 20 سى، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردىن 185 ى بار. ھازىر دۆلەت ئۈلگىلىك ئالىي كەسپىي مەكتەپتىن ئىككىسى، دۆلەت تايانچ (ئۈلگىلىك) ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپتىن ئىككىسى، ئاپتونوم رايون بويىچە ئۈلگىلىك ئالىي كەسپىي مەكتەپتىن بەشى، ئاپتونوم رايون بويىچە ئۈلگىلىك ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپتىن 27 سى بار ئىكەن. ھازىر ئاپتونوم رايون بويىچە كەسپىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلار 319 مىڭ 800 غا، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلەر 31 مىڭ 100 گە يېتىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەركىنجان تۇراخۇن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەرگە شىنجاڭنىڭ كەسپىي مائارىپ ئىشلىرىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، كەسپىي مائارىپ يەنىلا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىدىكى ئاجىز ھالقا، كەسپىي مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي سەۋىيەسى بىلەن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجى ئوتتۇرىسىدا پەرق بار. دۆلەتنىڭ كەسپىي مائارىپ كاپالەت مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، تۈر سوممىسىنى قوشۇپ كۆپەيتىش، ئەمەلىي مەشىقلەندۈرۈش بازىسى قۇرۇلۇشى سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇش، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى كۈچەيتىش، مەكتەپ بىلەن كارخانىنىڭ قانۇنلۇق ھەمكارلىشىشىغا ئائىت قانۇن – بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈش قاتارلىق جەھەتلەردە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ۋە مايىل بولۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ كەسپىي مائارىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  جۇ ۋېيچۈن تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ھازىر شىنجاڭنىڭ كەسپىي مائارىپى كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلىشتەك تېپىلغۇسىز پۇرسەت مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى. ئاپتونوم رايوننىڭ ئۇزاق مەزگىللىك پىلاننى ياخشى تۈزۈپ، كەسىپ ۋە شەھەرگە تايىنىپ، مەركەز، شۇنداقلا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ياردىمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، كەسپىي مائارىپ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئاپتونوم رايون ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر – تەكلىپلەر، تەرەققىياتتا ساقلىنىۋاتقان قىيىنچلىق ۋە مەسىلىلەرنى مەركەز، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مىنستىرلىق، كومىتېتلىرىغا ئىنكاس قىلىپ، چارە – تەدبىر قوللىنىپ، نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىدۇ.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مىللەتلەر، دىن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دىڭ زۇڭلياڭ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مىللەتلەر، دىن كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز سوتسىيالىزم ئىنستىتۇتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى دېڭ زۇڭلياڭ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، مىللەتلەر، دىن كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي سوتسىيالىزم ئىنستىتۇتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىنىستىتۇتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۇ نىڭ قاتارلىقلار سۆھبەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە