باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىغا بېرىلىدىغان ياردەم تولۇقلىمىسى توختىتىلغان بولسىمۇ، ئىستېمالغا تۈرتكە بولىدىغان يېڭى سىياسەتلەر داۋاملىق يولغا قويۇلىدۇ

2013.05.31 16:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يېزىلارغا چۈشۈرۈش، كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ قەرەلى توشقاندىن كېيىن، بۇلتۇر 6 ئايدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئېنېرگىيە تېجەر ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىغا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش سىياسىتىمۇ بازاردىن چېكىندۈرۈلدى. 1-ئىيۇندىن باشلاپ ئىستېمالچىلار سېتىۋالغان ھاۋا تەڭشىگۈچ، تەكشى ئېكرانلىق تېلېۋىزور، توڭلاتقۇ، كىرئالغۇ ۋە سۇ ئىسسىتقۇ قاتارلىق بەش چوڭ تۈردىكى ئائىلە ئېلېكتر مەھسۇلاتلىرىغا بۇندىن كېيىن مەركەز مالىيەسىدىن قوشۇمچە ياردەم پۇلى بېرىلمەيدىغان بولدى.

  ھازىرغىچە مەركەز مالىيەسى 12 مىليارد 200 مىليون يۈەن ياردەم مەبلىغى ئاجرىتىپ، بەش تۈردىكى 65 مىليوندىن كۆپ ئېنېرگىيە تېجەر ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ئارقىلىق، 250 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق ئىستېمال ئېھتىياجىغا تۈرتكە بولدى.

  مالىيە مىنستىرلىقى مالىيە بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ شاڭشى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گەرچە ئېنېرگىيە تېجەر ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىغا بېرىلىدىغان قوشۇمچە ياردەم پۇل سىياسىتى بازاردىن چېكىندۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن دۆلەتنىڭ مالىيە سىياسىتى ئارقىلىق ئېنېرگىيە تىجەر مەھسۇلاتلارنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئىستېمالچىلارغا تۈرتكە بولۇش سىياسەتلىرى يەنىلا داۋاملىشىدۇ.جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە