- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


يەكەن ناھىيەسىدە كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ، ئىككى ئادەم قازا قىلدى
2013.05.30 14:19 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 29-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:28-ماي مۇخبىرنىڭ يەكەن ناھىيەلىك ھۆكۈمەتتىن ئىگىلىشىچە، 27-ماي سائەت 22:00 دىن 28-ماي سائەت 15:00 گىچە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەكەن ناھىيەسىدە قاتتىق يامغۇر يېغىپ، تاغ كەلكۈنى كېلىپ، 3129 ئادەم ئاپەتكە ئۇچراپ ، ئىككى ئادەم قازا قىلغان، بىۋاستە زىيان 20 مىليون يۈەنگە يەتكەن.
يەكەن ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 28-ماي چۈشتىن كېيىن سائەت 18:00 گىچە، تاغ كەلكۈنىدە بەش يېزا-بازاردىكى 3129 ئادەم ئاپەتكە ئۇچراپ، ئىككى ئادەم قازا قىلغان، 699 ئېغىز ئۆي ئۆرۈلۈپ كەتكەن، 18412 مو ئىقتىسادىي زىرائەت بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان .
ئىگىلىنىشىچە، 28-ماي سائەت 15:00 لەر ئەتراپىدا يامغۇر توختىغان بولۇپ، يەرلىك مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىنىڭ ئالدىن مەلۇمات بېرىشىچە، 29-ماي كېچىدە، قەشقەر ۋىلايىتىدە يەنە يامغۇر ياغىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە