- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


جياڭشىدا دۇنيا دەرىجىلىك ۋولفىرام كېنى بايقالدى
2013.05.30 15:34 مەنبە: خەلق تورى
جياڭشى ئۆلكىلىك كان ئىدارىسى يېقىندا جياڭشىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى فۇلياڭ ناھىيەسى جۇشى كان رايونىدا بىر دۇنيا دەرىجىلىك ۋولفىرام كېنىنىڭ بايقالغانلىقىنى ئېيتتى. نۆۋەتتىكى خىزمەت مىقدارى بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇ كاندىكى ۋولفىرام مىس مېتالىنىڭ مىقدارى 1 مىليون توننىدىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ 2010-يىلى جياڭشىنىڭ غەربى شىمالىدىكى ۋۇنىڭ ناھىيەسىدە غايەت زور ۋولفىرام كېنى بايقالغاندىن كېيىن، جياڭشى كونا كان رايونىدىكى يەنە بىر بايقاش بولۇپ، بۇ جياڭشىدىكى ۋولفىرام كان بايلىقىنىڭ جياڭشىنىڭ جەنۇبى، شەرقىي شىمالى، غەربىي شىمالىغا جايلىشىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرى. شۇنىڭ بىلەن جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ «دۇنيانىڭ ۋولفىرام مەركىزى» بولۇش تەسىر كۈچى تېخىمۇ زورايدى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە