باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەڭ قىيىن بولغان پەسىلدە دوكتۇرلارنىڭ كۈتكەن مۇئاشى ئاران 6000 يۈەن بولغان

2013.05.30 15:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل 6 مىليون 990 مىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئوقۇش پۈتتۈرۈش رىكورتى يارىتىلىپ،ئۇلار ئىشقا ئورۇنلىشىش بازارلىرىغا يۈزلەندى، بۇنىڭغا بۇلتۇر ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، خىزمەت تاپالمىغانلارنى قوشقاندا، بۇ يىلقى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىنى تارىختىكى « ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەڭ قىيىن بولغان پەسىل» دېيىشكە بولىدۇ. بېيجىڭ ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش بېسىمىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزى تۆنۈگۈن «2013-يىللىق جۇڭگو ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بېسىمىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى» نى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش بېسىمى كۆرۈنەرلىك ئاشقان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، «كۈتكەن ئايلىق مۇئاشى تۆۋەنلەش »، «بەخت تۇيغۇسى ئومۇمىيۈزلۈك تۆۋەنلەش» ئەھۋالى كۆرۈلگەن. دوكلاتتا كۆرسىتىلشىىچە، ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىشتە «يۈزەكى» قىزغىنلىق، ئىگىلىك تىكلەشتە «نىيەت» قىزغىنلىقى، يەنى ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىش يۈزەكىي قىزىپ كەتكەن، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ نىيەت قىزغىنلىقى بولسىمۇ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بولمىغان.

  يۇقىرى بېسىم ئاستىدا، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۈتكەن ئايلىق مۇئاشى داۋاملىق تۆۋەنلىگەن. تەكشۈرۈشكە قاتناشقانلارنىڭ كۈتكەن ئايلىق مۇئاشى 3000-5000 يۈەنگىچە بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە مەخسۇس كۇرسنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ كۈتكەن مۇئاشى 3444 يۈەن، تولۇق كۇرسنىڭ 3494 يۈەن، ماگىستىرلارنىڭ 4879 يۈەن، دوكتۇرلارنىڭ 6000 يۈەن بولغان.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە