- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭلىق شوپۇر 30 مىڭ يۈەننىڭ ئېزىقتۇرۇشى بىلەن ماشىنا ئىشىكىگە 6240 گرام زەھەرنى يوشۇرغان
2013.05.30 15:40 مەنبە: خەلق تورى
سوت مەھكىمىسىدە جاڭ تەي توختىماي: «مەن راستىنلا خۇدۇمنى يوقۇتۇپ، ئېزىپ قاپتىمەن» دېدى. يېقىندا، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدە قونجىراپ چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىدا يۈز بەرگەن «7.24» «ئالتۇن ھىلال ئاي» زەھەر ئەتكسچىلىك دېلوسىغا ھۆكۈم چىقىرىلدى: جۇڭگولۇق شوپۇر جاڭ تەي زەھەر يۆتكىگەنلىكتىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ ئىككى يىل كېچىكتۈرۈلۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان بولدى. جاڭ تەي قايتا نارازىلىق ئەرزى سۇنمىدى
قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ دېلو بىجىرىش ئەمەلدارى مۇخبىرغا دېلونىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى چۈشۈندۈردى.قونجىراپ پورتى نۆۋەتتە جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن چېگرىلىنىدىغان «ئالتۇن ھىلال ئاي»دىكى بىردىنبىر قۇرۇقلۇق يولى. 2012-يىلى 24-ئىيۇل سائەت 19:00لاردا، قونجىراپ چېگرا مۇداپىئە پونكىتىدا قاراۋۇللۇق قىلىۋاتقان ئوفېتسېر-جەڭچىلەر پاكىستاندىن كىرىۋاتقان ماشىنىلارنى تەكشۈرگەن. مۇھاپىزەتچىلەر ئوتتۇرا ئەترىتىدىكى ۋاڭ يۆ بىر سەبدىشى بىلەن جۇڭگو تەۋەلىكىدىكى A نومۇر تاختىسىنى ئاسقان چېگرىدىن كىرگەن كونتىنېرنى تەكشۈرگەندە بۇ زەھەرنى بايقىغان.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە