باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

5 تىرىليوندىن ئارتۇق ئوغرىلانغان پۇقرا ئۇچۇرى قولغا چۈشۈرۈلدى

2013.05.30 16:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: بۈگۈن ج خ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىمىزچە، كۈنسېرى ئەدەپ كېتىۋاتقان پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى قانۇنسىز ئېلىش-سېتىش قىلمىشلىرىغا قارىتا، ج خ مىنىستىرلىقى مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، 2012-يىل فېۋرال، دېكابىر ۋە 2013-يىل مارتتا پۈتۈن مەملىكەتتىكى ج خ ئورگانلىرىنى ئۈچ قېتىم زەربە بېرىشكە تەشكىللىگەن.

  ھازىرغا قەدەر، مەملىكەت بويىچە 4382 دېلو پاش قىلىنىپ، 4115 جىنايەت گۇماندارى قولغا ئېلىنغان، 5 تىرىليونغا يېقىن ئوغرىلانغان پۇقرالار شەخسىي ئۇچۇرى قولغان چۈشۈرۈلگەن، گۆرۈگە ئېلىش، قاقتى-سوقتى قىلىش، تېلېگراف ئالدامچىلىقى قاتارلىق جىنايەتلەرگە ئائىت تۈمەندىن ئارتۇق دېلو پاش قىلىنغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە