باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى تۆت رايوندا تارىختا كۆرۈلمىگەن ھۆل-يىغىن ئاپىتى يۈز بېرىپ، 64 مىڭ ئاھالە ئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى

2013.05.30 16:10         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئوتتۇرا ئاسىيادىن كىرگەن ئىللىق ، نەم ھاۋا ئېقىمى ۋە سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا تەسىر كۆرسىتىشى سەۋەبىدىن ، 26-ماي سائەت 8:00 دىن 29-ماي سائەت 14:00 گىچە ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قەشقەر ، قىزىلسۇ ، خوتەن ، ئاقسۇ قاتارلىق جايلىرىدا تارىختا كۆرۈلمىگەن ھۆل-يىغىن ئاپىتى يۈز بەردى .

  ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىكى باش مەلۇماتچى لى رۇچىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، بۇ قېتىملىق ھاۋارايى ئۆزگىرىشىدە يامغۇرنىڭ يېغىش ۋاقتى ئۇزۇن ، دائىرىسى كەڭ ، دەرىجىسى كۈچلۈك بولغان بولۇپ ، قەشقەر، قىزىلسۇ ، خوتەن ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىرىدە ئوتتۇراھال يامغۇر ياغقان ، قىسىمەن رايونلاردا قارا يامغۇر ياغقان ، قاغىلىق ناھىيەسىدە قارا يامغۇر يېغىپ ھۆل-يىغىن مىقدارى 88.2 مىللىمېتىرغا يېتىپ ، تارىختىكى سەۋىيە (66.7 مىللىمېتىر) دىن ئېشىپ كەتكەن .

  مۇخبىرنىڭ 29-ماي ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە ، 26-مايدىن بۇيان ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قەشقەر شەھىرى ، قاغىلىق ، يەكەن ، يوپۇغا ، پوسكام ، يېڭسار ، يېڭىشەھەر ، پەيزاۋات ، گۇما ، لوپ ، ئۈچتۇرپان ، ئاقتۇ ناھىيەلىرىدە ياغقان يامغۇرنىڭ تەسىرىدە كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ ، 64 مىڭ 351 ئادەم ئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ، ئىككى ئادەم قازا قىلىپ ، 17 مىڭ 652 ئېغىز ئۆي ئۆرۈلۈپ كەتكەن ، 100 مىڭ مو يەردىكى زىرائەت ئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان . بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان 78 مىليون يۈەنگە يەتكەن .

  ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جىددىي لايىھەسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ ، خەلق ئىشلىرى ، سۇ ئىشلىرى ، دېھقانچىلىق قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى ئاپەت يۈر بەرگەن رايوندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ ، ئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئاممىنى بىخەتەر جايغا يۆتكىگەن ، ھەمدە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈپ ، ۋاقتىدا 80 چېدىر ، 5000 نان ، 5000 بوتۇلكا مېنېرال سۇ ، 400 يۈرۈش كۆرپە-يوتقان تارقىتىپ بەرگەن . نۆۋەتتە ، قۇتقۇۇزۇش خىزمىتى يەنىلا جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ ، تەپسىلىي ئەھۋاللار ئىستاتىستىكا قىلىنىۋېتىپتۇ .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە