باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەمۇرلارنى ئاشكارا تاللاش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى

2013.05.30 17:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 29-چېسلا ئالاقىدار تارماقلاردىن ئىگىلىشىچە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنستىرلىقى، دۆلەت مەمۇرلار ئىدارىسى تەشكىللىگەن 2013-يىللىق مەركەز ئورگانلىرىغا ئاشكارا مەمۇر تاللاش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك باشلانغان.

  بۇ قېتىملىق ئاشكارا تاللاشقا تېزىملىتىش ۋاقتى 2013-يىل 31-مايدىن 13-ئىيۇنغىچە بولىدىكەن، يېزىقچە ئىمتىھان ۋاقتى 2013-يىل 30-ئىيۇن (يەكشەنبە) بولىدىكەن. بۇ يىل جەمئىي 48 مەركەز ئورگىنىدىكى 162 خىزمەت ئورۇنغا مەمۇر تاللاش پىلانلانغان، بۇ ئورۇنلار باشقارما دەرىجىلىك، مۇئاۋىن باشقارما دەرىجىلىك ئورۇن ۋە مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسىلىق ئورۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. تىزىملاشتا شەخس ئارزۇسى بىلەن تەشكىل تونۇشتۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلىدىكەن.(جۇۋ يىڭفېڭ خەۋىرى؛جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە