باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەن بۇ يىللىق ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىكى يەتتە تۈرلۈك مۇھىم خىزمەتنى ئېلان قىلدى

2013.05.30 16:22         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گوۋۇيۈەن يېقىندا تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ‹‹2013 – يىللىق ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر›› نى تەستىقلاپ، جايلار، تارماقلاردىن ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

  ‹‹پىكىر››دە مۇنداق دېيىلدى: 2013 – يىللىق ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ھۆكۈمەت بىلەن بازار، ھۆكۈمەت بىلەن جەمئىيەتنىڭ مۇناسىۋىتى، يۇقىرى قاتلام لايىھەسى بىلەن ئاممىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ھۆرمەت قىلىشنىڭ مۇناسىۋىتى، ئاشۇرما مىقدار ئىسلاھاتى بىلەن ساقلانما مىقدارنى ئاشۇرۇشنىڭ مۇناسىۋىتى، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش بىلەن قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ مۇناسىۋىتى، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا، ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئىسلاھاتنىڭ ئوڭۇشلۇق، ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت.

  مەمۇرىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى توغرىسىدا ‹‹پىكىر››دە: ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ، مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىنى ئازايتىشقا قەتئىي بەل باغلاش؛ ھۆكۈمەتنىڭ جامائەت مۇلازىمىتى تەمىنلەش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مالىيە – باج تۈزۈلمە ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى ‹‹پىكىر››دە: ئاشكارا، ئېنىق، قېلىپلاشقان، مۇكەممەل خامچوت تۈزۈلمىسى ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، بارلىق دۆلەت كارخانىلىرىنى قاپلىغان دۆلەت كاپتالى تىجارەت خامچوتى ۋە پايدىدىن بەھرىمەن بولۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى توغرىسىدا ‹‹پىكىر››دە: ئۆسۈم نىسبىتى، پېرېۋوت نىسبىتىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامانەت – قەرز ئۆسۈم نىسبىتى لەيلىمە دەرىجىسىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈپ، خەلق پۇلى كاپىتال تۈرى بويىچە ئايرىۋاشلاشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىم بولغان ئامانەت سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەلەپ قىلىندى.

  مەبلەغ سېلىش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى توغرىسىدا ‹‹ پىكىر››دە: ئادىل رىقابەتلىشىشكە توسالغۇ بولۇۋاتقان سىياسەت، قانۇن – نىزاملارنى چىڭ تۇتۇپ رەتلەپ، ئەلئارا كاپتالنىڭ پۇل مۇئامىلە، ئېنېرگىيە، تۆمۈريول، تېلېگراف قاتارلىق ساھەلەرگە ئۈنۈملۈك كىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ تۆمۈريول مەبلەغ سېلىش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بايلىق خاراكتېرىدىكى مەھسۇلاتلار باھا ئىسلاھاتى توغرىسىدا ‹‹پىكىر››دە: توك باھاسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ خەلقنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ، ئاھالىلەر تۇرمۇشقا ئىشلىتىدىغان توك، سۇ، گازدا تەدرىجىي باھا تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈمى توغرىسىدا ‹‹پىكىر››دە: شەھەر – يېزا ئاھالىسىنىڭ ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي كۈتۈنۈش فوندىنى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش پىلانلاش لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلىپ تۈزۈش؛ ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيى، ئەرزان ئىجارىلىك ئۆينى بىرلەشتۈرۈشنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئەڭ قاتتىق بولغان ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت، ئىستېمال قاتارلىق ھالقىلارنى قاپلىغان يېمەكلىك، دورا بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش؛ ئەڭ قاتتىق بولغان مۇھىت قوغداشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە قېلىپلاشقان، ئىلمىي ئېكولوگىيەلىك تولۇقلىما بېرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  شەھەر – بازارلىشىش ۋە شەھەر – بازارلارنى بىر تۇتاش پىلانلاشقا ئالاقىدار ئىسلاھات توغرىسىدا ‹‹پىكىر››دە: شەھەر – بازارلىشىش تەرەققىيات پىلانىنى مۇزاكىرە قىلىپ تۈزۈش؛ نوپۇس تەۋەلىكىنى تۈرگە ئايرىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالاقىدار جامائەت مۇلازىمىتى، ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش؛ يەر باشقۇرۇش تۈزۈمى، مەبلەغ سېلىش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمىسى قاتارلىق شەھەر – بازارلىشىشنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان ئىسلاھاتنى پائال، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش؛ يېزىلارنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى بويىچە ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش، تىزىملاش، كىنىشكا بېجىرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ يەر ھۆددىگەرلىك باشقۇرۇش ھوقۇقى، تۇرالغۇ يېرىدىن پايدىلىنىش ھوقۇقى، كوللېكتىپ پايدا تەقسىملەش ھوقۇقى قاتارلىق قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھەم ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان تۈرلۈك ئىسلاھاتلار توغرىسىدا ‹‹پىكىر››دە، ئالاقىدار تارماقلار فۇنكسىيە ئىش تەقسىماتىغا ئاساسەن، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يىل ئىچىدە تىرىشىپ يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈش تەلەپ قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە