باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پاكىستان ئەمەلدارى: ئامېرىكا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى تالىباننىڭ 2-نومۇرلۇق ئادىمىنى ئۆلتۈردى

2013.05.31 16:04   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پاكىستان ئەمەلدارى: ئامېرىكا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى تالىباننىڭ 2-نومۇرلۇق ئادىمىنى ئۆلتۈردى

  شۇ يەر ۋاقتى 2013-يىلى 30-ماي ، پاكىستان مۇلتاندا ، پاكىستان ئاممىسى نامايىش ئۆتكۈزۈپ ، ئامېرىكا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىغا قارشىلىق بىلدۈرۈپ ، ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈردى

  تەيۋەن ‹‹جۇڭگو رادىيو تورى›› نىڭ 30-ماي خەۋەر قىلىشىچە ، پاكىستاننىڭ ئامانلىق ساقلاش ئەمەلدارى ئامېرىكا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ 29-مايدىكى بىر قېتىملىق ھاۋا ھۇجۇمىدا ، پاكىستان تالىبانلىرىنىڭ 2-نومۇرلۇق شەخسى راھماننىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان . بىراق پاكىستان تالىبانلىرىنىڭ باياناتچىسى ئالاقىدار خەۋەرنى دەلىلەشنى رەت قىلغان .

  خەۋەر قىلىنىشىچە ، پاكىستاننىڭ ئامانلىق ساقلاش ئەمەلدارى ئامېرىكا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ 29-ماي شىمالىي ۋەزىرىستاندا بىر ئېغىز ئۆيگە ئىككى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىپ ، يەتتە ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ، ئارىسىدا راھمانمۇ بارلىقىنى ، يەنە تۆت ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېيتقان . راھمان ئەسلىدە پاكىستان تالىبانلىرىنىڭ داھىيسى مەخسۇتنىڭ ۋارىسى ئىكەن .

  بۇ، پاكىستاننىڭ 11-مايدىكى چوڭ سايلىمىدىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئىشقا سېلىپ يەرلىكتىكى قوراللىق ئۇنسۇرلارغا زەربە بېرىشى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ۋەقە راست بولسا، مۇشۇ قوراللىق تەشكىلاتقا نىسبەتەن پەۋقۇلئاددە زور زەربە بولىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئۇلانما: تالىبانلارنىڭ ئىككىنچى نومۇرلۇق رەھبىرى راھمان پاكىستاندا ئامېرىكا ئادەمسىز ئايروپىلانىنىڭ ھۇجۇمىدا ئۆلدى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

 سۈرەتلەر

 ئاڭلىغانمۇسىز