خەلق تورىنىڭ 3-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. 3-ئىيۇن سائەت 6 دە، جىلىن ئۆلكىسى دېخۇي بازىرى مىشازى بازىرىدىكى باۋيۈەنفېڭ قۇشچىلىق چەكلىك شىركىتىدە ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن.
شىنخۇا تورى مۇخبىرىنىڭ نەق مەيداندىكى قۇتقۇزۇشقا قوماندانلىق قىلىش بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە، سائەت 12 دىن 46 مىنۇت ئۆتكىچە، بۇ قېتىملىق ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلار 61 گە يەتكەن. يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش ۋە نەق مەيداندىكى ئىزدەش خىزمىتى جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ.