باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ بىر قىسىم كارىب دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى(2)

2013.06.03 16:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

شى جىنپىڭ كرىستى بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: باھاما-يەر شارىدىكى مۇھىم دېڭىز قىرغىقىدىن يىراق پۇل مۇئامىلە مەركىزى ۋە دېڭىز قاتناش مەركىزى، ساياھىتى تەرەققىي قىلغان، جۇڭگونىڭ كارىب رايونىدىكى مۇھىم ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق شېرىكى، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى زور. ئىككى تەرەپ ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد-سودا، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مائارىپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ۋە ئەلئىچى ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشى كېرەك.

كرىستى مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن دوستانە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش-باھامانىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا ناھايىتى مۇھىم. باھاما جۇڭگو بىلەن بولغان مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى بىلەن تەربىيەلەش، ساياھەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق تۈرلەرگە ئىشلىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ باھاماغا ساياھەتكە بېرىشىنى قارشى ئالىدۇ.

شى جىنپىڭ سىمپسون مىللېر بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: يامايكا-كارىب رايونىدىكى چوڭ دۆلەت شۇنداقلا جۇڭگونىڭ بۇ رايوندىكى ئەڭ مۇھىم ھەمكارلىق شېرىكلىرىنىڭ بىرى. ئىككى تەرەپ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىك، خەۋەرلىشىش، كان مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتسە بولىدۇ. تۆت يىل ئىلگىرى مەن يامايكىدا زىيارەتتە بولغاندا، يامايكا خەلقىنىڭ جۇڭگو مەدەنىيىتىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان ئىدىم. يامايكىنىڭ مۇنەۋۋەر يېنىك ئاتلېتىكا تەنھەرىكەتچىلىرى جۇڭگو خەلقىگە بەك تونۇش. ئىككى تەرەپ مەدەنىيەت، مائارىپ، تەنتەربىيە، ساياھەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتسە بولىدۇ.

سىمپسون مىللېر مۇنداق دېدى: يامايكا جۇڭگو بىلەن دوستلۇقىنى قەدىرلەيدۇ، جۇڭگونىڭ بەرگەن ياردىمىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، تەنتەربىيە، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق تەرەپلەردىكى تەجرىبىلەرنى ئۆز ئارا ئەينەك قىلىشنى خالايدۇ.


 

شى جىنپىڭ يەنە يۇقىرىقى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن جۇڭگو-كارىب ئەللىرى مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كارىب ئەللىرى-خەلقئارا جەمئىيەتتىكى بىر مۇھىم كۈچ. جۇڭگو-كارىب ئەللىرى ھەمكارلىقى ئىككى تەرەپلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى تەرەپ خەلقىگە نەپ يەتكۈزدى. جۇڭگو بۇ رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنى خالايدۇ.

يۇقىرىقى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى-جۇڭگونىڭ كارىب رايونىغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى گەۋدىلەندۈردى، بىز جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە، كارىب ئەللىرى-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايمىز.

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە