باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو بىلەن شىۋېيتسارىيە ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالىدى(1)

2013.06.03 16:07        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىۋېيتسارىيە جۇڭگونىڭ تېخىمۇ چوڭ ياۋروپا بازىرىغا ئېچىۋېتىلگەن ئۇلاش ئېغىزى ۋە تەجرىبە ئېتىزىغا ئايلىنىپ، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا تەرەققىي تاپقان ئىقتىسادى گەۋدىلەرنىڭ ئەركىن سودا ھەمكارلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىدا باشلامچى رول ئوينىدى. يېقىن كەلگۈسىدە، جۇڭگو ئىستېمالچىلىرى خۇشاللانغان ھالدا شۋېيتسارىيەنىڭ سائەت، پىچاق، شاكىلات قاتارلىق تاۋارلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىدىكى باھاسىنىڭ كۆرۈنەرلىك چۈشكەنلىكىنى ھېس قىلالايدۇ. شۋېتسارىيە ئىستېمالچىلىرىمۇ جۇڭگونىڭ سۈپەتلىك كۈندىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ تۆۋەن باھادا سېتىۋالالايدۇ. بۇ ھادىسىنىڭ ئارقىسىدا بىر ئاچقۇچلۇق سۆز بار ئۇ بولسىمۇ: جۇڭگو بىلەن شۋېيتسارىيەنىڭ ئەركىن سودا كېلىشىمى.

  24-ماي باش مىنىستىر لى كېچياڭ بىلەن شۋېتسارىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ رەئىسى مورنىڭ بېرىندا بىرلىكتە شاھىد بولۇشى بىلەن ئىككى دۆلەت ئەمەلىي خاراكتېرلىك ئەركىن سودا سۆھبىتىنى ماھىيەتلىك ئاياغلاشتۇرۇپ، ئەركىن سودا كېلىشىمىنى تېزراق ئىمزالايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ كېلىشىم جۇڭگونىڭ ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ئىمزالىغان تۇنجى ئەركىن سودا كېلىشىمى بولغانلىقتىن، سىرتتىكىلەرنىڭ دىققىتىنى بەكرەك جەلپ قىلدى. بۇمۇ ئاپرېلدا جۇڭگو بىلەن ئىسلاندىيە ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالىغاندىن كېيىن، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئەركىن سودا ھەمكارلىقىدىكى يەنە بىر زور بۆسۈش بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەركىن سودا ئىستراتېگىيىسىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  كىشىلەر: شۋېتسارىيە جۇڭگو قانداق قىلىپ ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى بۆسۈش ئېغىزى بولۇپ قالدى؟ دەپ سورىماي قالمايدۇ. ئەمەلىيەتتە شۋېتسارىيە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى بولمىسىمۇ لېكىن جۇڭگو بىلەن بولغان ئىقتىساد سودىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە ئىزچىل ياۋروپانىڭ ئالدىدا مېڭىپ كەلدى. 1980-يىلى جۇڭگونىڭ ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش دەرۋازىسىنىڭ ئەمدىلا ئېچىلىشى بىلەن، باشقا چەتئەل كارخانىلىرى تېخى جۇڭگوغا گۇمانىي نەزىرى بىلەن قاراۋاتقاندا، شۋېتسارىيە شۈندا گۇرۇھى بىرىنچى بولۇپ جۇڭگو بازىرىغا كىرىپ، بېيجىڭدا جۇڭگودىكى تۇنجى ھەمكارلىشىپ مەبلەغ سالغان كارخانىنى قۇرۇپ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئىشىكنى ئېچىۋېتىش مېۋىسىنى ئەڭ بالدۇر تېتىدى. 2007-يىلى بەزى دۆلەتلەر سودا قورۇقچىلىقىدىن ئىبارەت كالتەكنى پۇلاڭلىتىپ، جۇڭگو مەھسۇلاتلىرىنى تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارشى تۇرۇش بويىچە تەكشۈرۈۋاتقاندا، شۋېتسارىيە يەنە ياۋروپادا جۇڭگونىڭ مۇكەممەل بازار ئىگىلىكى ئورنىنى تۇنجى تۈركۈمدە ئېتىراپ قىلىپ، ئىككى تەرەپلىك ئىقتىساد سودا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.

  بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو بىلەن شۋېتسارىيە ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالاپ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد سودا مۇناسىۋىتى تارىخىدا ئۈچىنچى بىرىنچىلىكنى ياراتتى. جۇڭگو بىلەن شۋېيتسارىيەنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتە قويۇق ئۆزئارا تولۇقلاشچانلىقى بار، ئىككى دۆلەت تەكشى، يۇقىرى سۈپەتلىك ئىككى تەرەپلىك ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالىدى، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىنى تېز يولغا باشلىدى، بۇ ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىغا پايدىلىق بولۇپ، شەك شۈبھىسىزكى ئىككىلا تەرەپنى تەڭ پايدىغا ئىگە قىلىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە