باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ بەش مىڭ ئادەم بار جايدا بىردىن يەسلى قۇرۇشنى تەلەپ قىلدى

2013.06.03 17:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يەسلى يېشىدىكى بالىلارنىڭ يەسلىگە كىرىشى تەس، قىممەت بولۇش قاتارلىق ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىپ، ھەر بەش مىڭ ئادەم بار جايدا چوقۇم بىردىن يەسلى قۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر، يەسلىلەرگە پىلانلىق يەر ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش چارىسى سىنىقى»دىكى تەلەپكە ئاساسەن، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلىلەر يېڭى مەھەللە بىلەن بىر ۋاقىتتا پىلانلىنىشى، ھەر بەش مىڭ ئادەم بار جايغا ئالتە سىنىپلىق يەسلى سېلىش كېرەك. نۆۋەتتە، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە يەسلىلەرنىڭ ئوقۇتۇشىغا ئىشلىتىدىغان يەرنىڭ قىسلىقى-شىنجاڭنىڭ مائارىپ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرىدىغان ئاساسلىق زىددىيەتلەرنىڭ بىرى بولماقتا. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ بېشىدا، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايون 160 مىليون يۈەننى يەسلى مائارىپ بايلىقىنى كېڭەيتىپ، نۆۋەتتە ساقلىنىۋاتقان يەسلى بايلىقى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئىشلىتىشكە ئاجراتقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە