- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


2013–يىللىق جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىكى تۆت چوڭ كۆرسەتمە
2013.06.06 16:55 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
تىپنى ئۆزگەرتىش خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئادىل بولۇش ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇش
ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە جەمئىيەتنىڭ تەقەززاسى. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ تۇنجى يىلى 2013 – يىلى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى قانداق ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ؟
دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شۈ شاۋشى 30 – ماي 2013 – يىللىق جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل ئىقتىسادىي تىپنى ئۆزگەرتىش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، بازار ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى چۆرىدەش كېرەك.
تىپنى ئۆزگەرتىش: ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشنى مەركەز قىلىش
ئىقتىسادىي تىپنى ئۆزگەرتىش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەش جەھەتتە، شۈ شاۋشى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشنى مەركەز قىلىپ، مالىيە بېجى، پۇل مۇئامىلە، باھا، پەن – تېخنىكا قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئىسلاھاتنىڭ پايدىسى، ئىچكى ئېھتىياجنىڭ يوشۇرۇن كۈچى، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ‹‹دەرىجىنى ئۆستۈرۈش سەھىپىسى››نى يارىتىشنى تۈزۈلمە كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
مالىيە بېجى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى جەھەتتە، پايدىنى ئاشۇرۇش مۇھىم، شۇنىڭ بىلەن بىللە مالىيە مەبلىغىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى كۆزدە تۇتۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا كۆپرەك مايىللاشتۇرۇپ، ئىستېمال بېجى، ئۆي – مۈلۈك بېجى، بايلىق بېجىغا ئالاقىدار ئىسلاھاتنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈش؛ پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى جەھەتتە، پايدا، پېرېۋوت نىسبىتىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتى ۋە خەلق پۇلى كاپىتال تۈرىنى ئالماشتۇرۇشنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى ۋە پۇقراۋى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئىجازىتىنى قويۇۋېتىش قەدىمىنى تەدرىجىي تېزلىتىش؛ بايلىق خاراكتېرلىك مەھسۇلات باھاسى ئىسلاھاتى جەھەتتە، ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش ئېھتىياجى ۋە بايلىق ئامىللىرىنى تېجەپ پايدىلىنىشتىكى پەلەمپەيسىمان باھا تۈزۈمىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىشقا تەڭ ئېتىبار بېرىش؛ پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى جەھەتتە، كارخانىنى ئاساسىي گەۋدە قىلىش، بازارنى يېتەكچى قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش – ئوقۇتۇش – تەتقىقاتنى بىرلەشتۈرۈش تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى قۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك.
خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش: ئومۇمىي خەلقنى قاپلايدىغان ‹‹بىخەتەرلىك تورى››نى شەكىللەندۈرۈش
شۈ شاۋشى مۇنداق دېدى: پۇقرالارنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش مەسىلىسىنى چۆرىدەپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە كىرىم تەقسىملەش، ئىجتىمائىي ئىشلار، يېمەكلىك – دورا بىخەتەرلىكى، مۇھىت ئاسراش، شەھەر، يېزىلارنى بىر تۇتاش پىلانلاپ تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق ساھەلەر ئىسلاھاتىنى تېزلىتىش جەھەتتە، ئومۇمىي خەلقنى قاپلايدىغان، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان ‹‹بىخەتەرلىك تورى››نى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
بۇ يىل دۆلەت شەھەر، يېزا ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى باشقۇرۇش فۇنكسىيەسىنى بىرلەشتۈرۈپ، شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ چوڭ كېسەللىك سۇغۇرتىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش پىلانلاش لايىھەسىنى تۈزۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش؛ يېمەكلىك – دورا بىخەتەرلىكى ئۆلچىمى سىستېمىسى، تەكشۈرۈش سىستېمىسى، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ پۈتكۈل ئايلىنىش جەريانىنى سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسى، بازار ئىجازىتى تۈزۈمى، چاقىرىش تۈزۈمى، سەمىمىيەت سىستېمىسى قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ھەر قايسى ھالقىلار ۋە يېمەكلىك – دورا بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى قاپلايدىغان قاتتىق تۈزۈم بەرپا قىلىش؛ مۇھىت ئاسراش جەھەتتە، كۆپ بۇلغىغۇچى ماددىلارنى ماسلىشىپ تىزگىنلەش، كۆپ بۇلغاش مەنبەسىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى كۈچەيتىش؛ يېزىلارنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى تەۋەلىكىنى بېكىتىش، تىزىملاش، كىنىشكا تارقىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، دېھقانلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇقىنى ھەقىقىي قوغداش؛ يەر باشقۇرۇش تۈزۈمى قاتارلىق قىسمەن ئاساسىي تۈزۈم ئىسلاھاتىنى تەدرىجىي، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر، يېزا بايلىقلىرى، مۈلكى ۋە كاپىتالىنى تەرتىپلىك ئايلاندۇرۇش كېرەك.
ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان كىرىم تەقسىماتى تۈزۈمى ئىسلاھاتى جەھەتتە، شۈ شاۋشى مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىللىق خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: گوۋۇيۈەن ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹كىرىم تەقسىماتى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئالاقىدار بىرقانچە پىكىر›› نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەم ئەمگەك ھەققىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈش، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ كىرىم تەقسىماتىنى تىزگىنلەش، كىرىم تەقسىماتى تەرتىپىنى تەڭشەش ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈش قاتارلىق نۇقتىلىق مەسىلىلەردە كونكرېت يانداش پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشتۇر.
ئادىل بولۇش: باشلىنىش نۇقتىسىدىن ئادىل بولۇش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش
ئادىل رىقابەتلىشىش بازار مۇھىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، ئادىل رىقابەتلىشىشكە توسالغۇ بولىدىغان سىياسەت ۋە قانۇن – نىزاملارنى چىڭ تۇتۇپ تەرتىپكە سېلىپ، يۇرت قورۇقچىلىقى مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىپ ئىگىلىك تىكلەش ئاكتىپلىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوزغاش كېرەك؛ مەبلەغ سېلىش ۋە يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەلئارا كاپىتالنى ھەقىقىي ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە، ئېنېرگىيە، تۆمۈر يول، تېلېگراف قاتارلىق ساھەلەرگە كىرگۈزۈپ، بازار ئىجازىتىدە ئادىل بولۇش، ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ھالقىلىرىغا كۈچ سەرپ قىلىش؛ تارماق لىنىيە تۆمۈريولى، شەھەرلەر ئارا تۆمۈريول، بايلىقنى ئېچىش خاراكتېرلىك تۆمۈريول ھوقۇقى، تىجارەت ھوقۇقىنى ئىجتىمائىي كاپىتالغا يۈزلەندۈرۈش كېرەك. شۈ شاۋشى مۇنداق تەكىتلىدى: باشلىنىش نۇقتىسىدىن ئادىل بولۇش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. باشلىنىش نۇقتىسىدىن ئادىل بولمىغان مەسىلىلەردە ئازايتىش، تەربىيەلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، توغرا يۆنىلىشتە، چوڭقۇر ئايلاندۇرۇش، ھوقۇقتا ئادىل بولۇش، پۇرسەتكە باراۋەر ئېرىشىش ۋە قائىدىگە ئادىل ئەمەل قىلىشنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇش: ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇش ئۇزاق مۇددەتلىك تەدبىر
ھازىر جۇڭگو ئىقتىسادى يەنىلا تۆۋەنلەش بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ساقلاشتا، سىياسەتنىڭ تەسىرى ئىنتايىن مۇھىم، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇش ئۇزاق مۇددەتلىك تەدبىر.
شۈ شاۋشى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: بۇ يىل بازار ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا مەبلەغ سېلىش تۈرىنى تەستىقلاش، ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى ۋە ئەقلىي قابىلىيەت، سالاھىيەت ئىجازىتىنى بۆسۈش نۇقتىسى قىلىپ، تەرتىپكە سېلىش، تەستىق تۈرلىرىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەش كېرەك. تەستىق تۈرلىرىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش بىلەن بىللە، ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەتنى ئوخشاش قەدەمدە تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، ئوخشاش قەدەمدە كۈچەيتىپ تىزگىنلەش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كېرەك. ئىزچىل ساقلاپ قېلىنىدىغان تەستىق تۈرلىرىدە، رەسمىيەتلەرنى يەنىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇپ ۋە تەرتىپلەرنى ياخشىلاپ، تەستىقلاشنى ئاددىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. شىنخۇا ئاگېنتلىقى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە