باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئاپتونوم رايون 2012 – يىللىق مۇھىت ئەھۋالى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى(2)

2013.06.07 09:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىلى دەرياسى سۈيىنىڭ سۈپىتى ياخشى بولغان، تۈمەن دەرياسى سۈيى بۇلغانغان.

  ئاپتونوم رايون بويىچە دەريا ئېقىنلارنىڭ سۇرايى نىسبەتەن ياخشى بولغان، لېكىن بىرقىسىم ئېقىنلارنىڭ سۇرايى يەنىلا ئوخشىمىغان دەرىجىدە بۇلغانغان. تەكشۈرۈلگەن 79 دەريا ئېقىن سۈيىدە سۇرايى 1– دەرىجىدىن 3 – دەرىجىگىچە بولغان دەريا ئېقىن سانى %97.4 بولغان، 4 – دەرىجىدىن ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان دەريا ئېقىن %2.9 نى ئىگىلىگەن. 2011 – يىلىغا قارىغاندا ئىلى دەرياسى، ئاقسۇ دەرياسى قاتارلىق 74 دەريا ئېقىننىڭ پۈتكۈل ئېقىنىنىڭ سۇرايى ياخشى بولغان، تاشبۇلاق دەرياسى، قىزىل دەرياسى، تۇمەن دەرياسى، قەشقەر دەرياسى، بورتالا دەرياسى قاتارلىق 5 دەريا ئېقىننىڭ 9 بۆلىكىدىكى سۇرايىدا بۇلغىنىش كۆرۈلگەن.2011 – يىلىغا قارىغاندا ئاپتونوم رايون بويىچە كۆللەرنىڭ سۇرايىدا مۇقىم ھالەت ساقلاپ قېلىنغان. سايرام كۆلىنىڭ سۈ سۈپىتى ئەلا بولغان؛ باغراش كۆلى سۈيى يېنىك دەرىجىدە بۇلغانغان؛ سايۋوپۇ، ئۇلۇنگۇر، ئىبنۇر كۆلىنىڭ سۈيى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان؛ ئاقتېرەك سۇ ئامبىرى، دولان سۇ ئامبىرى، غالىبىيەت سۇ ئامبىرى قاتارلىق 19 سۇ ئامبىرىنىڭ سۇ سۈپىتى ئەلا بولغان؛ 2011 – يىلىغا قارىغاندا خوڭيەنچى سۇ ئامبىرى، بۇلاقدالا سۇ ئامبىرىنىڭ سۇ سۈپىتىدە خېلى ياخشىلىنىش بولغان.

  بۇلغىمىنى ئازايتىش، كونترول قىلىش خىزمىتىدە نەتىجە بولغان ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، مۇئاۋىن نازىر ۋاڭ ليەنشې شۇ كۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يەنە مۇنداق دېدى: بۇلتۇر ئاپتونوم رايون بويىچە سانائەت بۇلغىمىلىرىنى ئازايتىشقا سېلىنغان مەبلەغ 2 مىليارد 404 مىليون يۈەنگە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە سانائەت بۇلغىمىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقىلا سېلىنغان مەبلەغ 1 مىليارد 991 مىليون يۈەنگە يەتتى. مۇھىت تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەرلەرنىڭ ئىچىملىك سۈيى مەنبەيى سۇ سۈپىتىدە يىللارغا قارىغاندا زور ئۆزگىرىش بولغان. شەھەر مۇھىتىدا ياخشىلىنىش بولغان، رادىئاتسىيەلىك مۇھىت ئۆلچىمى ئۆلچەمگە يەتكەن. (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى خەۋىرى)
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە