باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

گانا قانۇنسىز ئالتۇن كان قازغان 124 جۇڭگو پۇقراسىنى قولغا ئالدى

2013.06.07 08:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ گانادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى مۇنداق دېدى: شۇ يەر ۋاقتى 5- ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن ، گانادا قانۇنسىز ئالتۇن كان قازغان 124 جۇڭگو پۇقراسى قولغا ئېلىندى. ھازىر ئۇلارنىڭ ئىچىدە بەزگەك كېسىلى بارلاردىن باشقا ، ئېغىر كېسەل ۋە يارىلانغانلار يوق.

  ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ گانادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ۋاقىتلىق ئىش بېجىرگۈچىسى جۇ يۆبىن گانا پرېزدېنتى مەھكىمىسىنىڭ ئالىي ئەمەلدارى بىلەن جىددىي كۆرۈشۈپ، جۇڭگو گانا قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرىنىڭ كان قىزىش نۇقتىسىدىن باشقا جايلاردىكى جۇڭگولۇقلار ئولتۇرۇشلۇق جايلارنى ئاختۇرۇپ تۇتۇش ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، گانانىڭ بۇ خىل ھەرىكەتلەرنى دەرھال توختىتىشى، قامالغانلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن مۇئامىلە قىلىشى، ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغدىشىنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،جۇڭگونىڭ گانادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى گانادا ئولتۇراقلىشىپ قالغان جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ شۇ يەرنىڭ قانۇن بەلگىلىمىرىلىرىگە رىئايە قىلىپ، قانۇنلۇق تىجارەت قىلىپ، توردىكى ئۇچۇرلارنىڭ ئىزىقتۇرۇشىدىن ساقلىنىشقا ئاگاھلاندۇردى. ئەلچىخانا قانۇنسىز ئالتۇن قازدى دەپ گۇمان قىلىنغان جۇڭگو پۇقرالىرى دۆلەتكە قايتىشنى خالىسا تەرتىپلىك قايتىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە