خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئىيۇن سان خوسېدىن بەرگەن خەۋىرى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2-ئىيۇن سان خوسېغا يېتىپ كېلىپ، كوستارىكادىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى.
شۇ يەر ۋاقتى سائەت 8 دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن سان خوسېدىكى ۋان.سانتمارىيا خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا يىتىپ كەلدى. كوستارىكا دىپلوماتىيە مىنىستىرى كاستىرو شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەننى قىزغىن كۈتۈۋالدى. (مۇخبىر دۇ شاڭزې، جاڭ ۋېيجۇڭ، فەن جيەنچىڭ، يەن خۇەن قاتارلىقلار)
مەنبە: خەلق تورى