باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلىپ، بوۋاقلار، بالىلار سۈت پاراشوكىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش خىزمىتى مۇزاكىرە قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى

2013.06.04 17:00         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى چۆرىدەپ، بىر تۈركۈم قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى ماقۇللاندى، قىسمەن مەمۇرىي قانۇن – نىزاملار توغرىسىدىكى قارار ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى ۋە تۈزىتىلدى گوۋۇيۈەن زوڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 31 – ماي گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلىپ، بوۋاقلار، بالىلار سۈت پاراشوكىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش خىزمىتى مۇزاكىرە قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى چۆرىدەپ بىر تۈركۈم قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى ماقۇللاندى، قىسمەن مەمۇرىي قانۇن – نىزاملار ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى ۋە تۈزىتىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بوۋاقلار، بالىلار سۈت پاراشوكىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ھەم خەلق تۇرمۇشىغا ھەم ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلىدۇر. ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن جەزمەن تەرەققىيات سۈپىتىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش، نۇقتىلىق مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپەت مەسىلىسىنى گەۋدىلىك ھەل قىلىش كېرەك، بۇ، ھازىرقى تەخىرسىز ۋەزىپە. ھازىر بوۋاقلار، بالىلار سۈت پاراشوكىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى بۆسۈش نۇقتىسى قىلىپ، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن سۈپەتلىك سۈت پاراشوكى ماركىلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش كېرەك. بىرىنچى، مۇناسىۋەتلىك سىياسەت بەلگىلەپ، سۈت كالىسىنى ئۆلچەملىك، كۆلەملىك بېقىش كېرەك. ئىككىنچى، دورىلارنى قاتتىق باشقۇرۇش چارىسى بويىچە بوۋاقلار، بالىلار سۈت پاراشوكىنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ئېلېكتىرونلۇق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كودى قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئومۇمىي مۇساپە بويىچە ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچى، بوۋاقلار، بالىلار سۈت پاراشوكىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. لاياقەتسىز خام سۈتلەرنى سېتىۋېلىش پونكىتلىرى ۋە تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرىنى قەتئىي ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئىجازەت شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان كارخانىلارنى قەتئىي شاللاش كېرەك. تۆتىنچى، ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، كارخانىلار 1 – مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. بەشىنچى، خەلقئارا سەۋىيەگە ئىگە مەھسۇلات ئۆلچىمى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئەۋلادلارغا يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن ئۆسمۈرلەر، بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ – يېتىلىشىگە ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.

  مەمۇرىي تەستىق تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى قانۇن بويىچە ئىلگىرى سۈرۈش، بازار بىلەن جەمئىيەتنىڭ ئىجادىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇش كېرەك. گوۋۇيۈەن يېقىندا ئىككى تۈركۈمگە ئايرىپ مەمۇرىي تەستىق تۈرىدىن 133نى ئەمەلدىن قالدۇردى ۋە تۆۋەنگە چۈشۈردى. ‹‹بىر تۈركۈم مەمۇرىي تەستىق تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ياكى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشكە دائىر ئىشلار توغرىسىدىكى قارار››نى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈشكە دائىر 16 تۈرلۈك مەمۇرىي تەستىق قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە چېتىلدى، 117 تۈر مەمۇرىي قانۇن – نىزامنى ئۆزگەرتىشكە چېتىلدى. يىغىندا ‹‹باج ئېلىشنى باشقۇرۇش چارىسى››قاتارلىق 12 قانۇننىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ قىسمەن مەمۇرىي قانۇن – نىزاملارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە تۈزىتىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى ماقۇللاندى. يىغىندا يۇقىرىقى قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى تۈزىتىلگەندىن كېيىن، گوۋۇيۈەننىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشى قارار قىلىندى؛ گوۋۇيۈەننىڭ قىسمەن مەمۇرىي قانۇن – نىزاملارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە تۈزىتىش توغرىسىدىكى قارارى گوۋۇيۈەننىڭ پەرمانى بويىچە ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلىدىغان بولدى.شىنخۇا ئاگېنتلىقى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە