باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىز سۈت تەمىنلەش بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىدۇ

2013.06.03 16:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئىيۇن نەنچاڭدىن بەرگەن خەۋىرى، «سۈت تەمىنلەش بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش»نى ئاساسىي تېما قىلغان 4-نۆۋەتلىك جۇڭگو سۈتچىلىك كەسپى يىغىنى ۋە 11-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا سۈتچىلىك كۆرگەزمىسى 6-ئاينىڭ 1- ۋە 2-كۈنلىرى جياڭشى نەنچاڭدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بۇ يىل دۆلىتىمىز ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن كۆلەملىك باقمىچىلىقنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەلا سۈپەتلىك سۈت تەمىنلەش بازىسى بەرپا قىلىدۇ؛ سۈت كالىسىنىڭ گېنىنى ياخشىلاش پىلانىنىتېزلىكتە يولغا قويۇپ، سۈتچىلىك كەسپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ؛ سۈت تەمىنلەش پونكىتلىرىغا قارىتىلغان نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى ۋە خام سۈتنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش، خام سۈتنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق سۈتچىلىك كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈرۈشنى قەدىمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زامانىۋى سۈتچىلىك كەسپىنى تېزلىكتە بەرپا قىلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە