باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيەدىكى مەملىكەتلىك ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكىتىدە 173 ئادەم يارىلاندى

1730 ئادەم قولغا ئېلىندى

2013.06.04 15:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئابدۇللا گۈل ۋە زۇڭلى ئەردوھان 3-ئىيۇن ئايرىم-ئايرىم ھالدا پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشچىلارنى تەمكىن بولۇشقا چاقىرىق قىلدى.

  ئابدۇللا گۈل ئەنقەرەدە مۇخبىرغا مۇنداق دېدى :«تۈركىيەدىكى دېموكراتىيە سىناق قىلىنىشتىن ئۆتتى، ھازىر بىز تەمكىن بولۇشقا موھتاج، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ھازىر بارلىق ياخشى نىيەتتتىكى ئۇچۇلارنى تاپشۇرۇپ ئالدى، پۇرسەت پىشىپ يېتىلسىلا، بىز زۆرۈر بولغان ئىشلار قىلىمىز». تۈركىيە زۇڭلىسى ئەردوھانمۇ شۇ كۈنى ئىستانبۇلدا تاراتقۇلارغا ئاشقۇن ئۇنسۇرلارنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشنى تەشكىللىگەنلىكىنى ئېيتىپ، تۈركىيە خەلقىنى تەمكىن بولۇشقا، ئاشقۇن ئۇنسۇرلارنىڭ قۇتراتقۇلۇقىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىققا دەۋەت قىلغان.

  تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى جۈلەير 3-ئىيۇن، نەچچە كۈندىكى نامايىشتا 173 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى، 1730 ئادەمنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېيتقان.

  جۈلەير تۈركىيەدىكى 67 ئۆلكىدە جەمئىي 235 قېتىم ئوخشمىغان كۆلەمدە نامايىش ئېلىپ بېرىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىستانبۇلدىكى گىزى باغچىسىنى چېقىش پىلانى ۋە نامايىشچىلارنى قاتتىق باستۇرغانلىقىغا قارشىلىق بىلدۈرگەنلىكى ھەمدە ساقچىلار بىلەن توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى. نۆۋەتتە 115 ساقچى ۋە 58 قارشىلىق كۆرسەتكۈچىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە 6 ئادەمنىڭ يارىسىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئېيىتقان.

  1-ئىيۇن، تەخمىنەن 20 مىڭدەك ئامما ئەنقەرە شەھەر مەركىزىدىكى قىزىل ھىلالئاي مەيدانى ئەتراپىدا نامايىش قىلغان. نامايىش قىلغۇچىلار شوئار توۋلاپ، « تۈركىيە زۇڭلىسى ئەردوھان ئىستىپا بەرسۇن» دېگەن ھەمدە ساقچى تەرەپ بىلەن توقۇنۇشقان.

  ئىستانبۇل شەھەرلىك ھۆكۈمىتى بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىن باشلاپ بۇ شەھەردىكى ئەڭ مۇھىم بولغان تەقسىم مەيدانىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بارغان. پىلان بويىچە ھۆكۈمەت مەيدان يېنىدىكى گېزى باغچىسىنى چېقىپ، بۇ ئورۇندا سودا ساراي ۋە ھەربىي لاگىر قۇرماقچى بولغان. بۇ يەرلىك ئاممىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچىراپ ئارقىدىنلا نۇرغۇن جايلاردا نامايىش يۈز بەرگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە