باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يىمەكلىك بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش دىلولىرىنى تەكشۈردى

2013.06.03 16:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەھقىقلەشنى نازارەت قىلىش كوللېگىيىسى، ئەيىبلەش كوللېگىيىسى يېقىندا بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ياكى زەھەرلىك، زىيانلىق يېمەكلىك شۇنداقلا ساختا دورا، داۋالاش ئەسۋابلىرى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرىنى ياساش، سېتىش قاتارلىق جىنايى قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىشنى تەلەپ قىلدى، بېيجىڭدىكى ليۇ قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ساختا ھاراق ياساپ سېتىش، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ باۋدىڭدىكى جىن قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ساختا ئىنسۇلىن سېتىش قاتارلىق 284 يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش دېلوسى ۋە 77 ساختا دورا، داۋالاش ئەسۋابلىرى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى سېتىش دېلوسىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈردى.

  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە چۈشمەيدىغان ياكى زەھەرلىك، زىيانلىق يېمەكلىك ياكى ساختا دورا، داۋالاش ئەسۋابلىرى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرىنى ياساش، سېتىش قاتارلىق جىنايى ھەرىكەتلەرنىڭ جەمئىيەتكە ئېغىز زىيىنى بار، بۇنىڭغا خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك، قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، قولغا ئېلىش، ئەيىبلەش شەرتىگە چۈشىدىغانلارنى قەتئىي تۈردە ۋاقتىدا قولغا ئېلىش، ئەيىبلەش كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مەمۇرىي قانۇن ئىجراسى ئورگانلىرىنىڭ يوللاشقا تېگىشلىك جىنايەتكە ياتىدىغان دېلولارنى يوللىمىغانلىقى بايقالسا، قانۇن بويىچە يوللاشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش؛ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ دېلو تۇرغۇزۇشقا تېگىشلىكلىرىنى دېلو تۇرغۇزمىغانلىقى بايقالسا قانۇن بويىچە دېلو تۇرغۇزۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش؛ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە قولغا ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشقا تىگىشلىك بولغان، ئەيىبلەشكە يوللاشقا تېگىشلىكلىرىنى قولغا ئېلىشنى ئىلتىماس قىلمىغان، ئەيىبلەشكە يوللىمىغانلىقى بايقالسا قانۇن بويىچە قولغا ئېلىش، ئەيىبلەش كېرەك. يېمەكلىك، دورا، يېزا ئىگىلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىدىكىلەرنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالماي، خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، خىزمەت ئۈستىدە جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكى بايقالسا، تەھقىقلەشنى نازارەت قىلىش تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىگە تاپشۇرۇپ بېرىلىپ، مۇشۇ تۈردىكى جىنايەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بولغان ئۇچۇر ئالاقىسى ۋە خىزمەت مۇناسىۋىتىنى ياخشى كۈچەيتىپ، قانۇن ئىجراسى ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، زەربە بېرىش سالمىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە