باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تولى يېزىسىنىڭ مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى 300مىليون يۈەنگە يەتتى

2013.06.03 16:47         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىلمىنۇر ئىمىنجان خەۋىرى: جىڭ ناھىيەسىنىڭ تولى يېزىسى بۇ يىل ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق 16 تۈرلۈك نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا 305 مىليون يۈەن مەبلەغ سالدى.

  ئۇقۇشىمچە، بۇ مەبلەغنىڭ 250 مىليون يۈەنى يېزىنىڭ بازار قۇرۇلۇشىغا سېلىنىدىغان بولۇپ، يېزىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى ئاجىز بولۇش ئەھۋالى ئۆزگەرتىلىپ، بازار قۇرۇلۇشىنىڭ سەۋىيەسى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىكەن. بۇ يېزا بۇ يىلمۇ ‹‹ئالقات ئارقىلىق يېزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، شەھەر – بازارلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېتەكلەش، خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش›› ئىستراتېگىيەسىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ئالقات پىششىقلاش سانائەت رايونى، مەھەللە رايونى ۋە ئالاھىدە ئالقات يېتىشتۈرۈش رايونىدىن ئىبارەت ئۈچ رايون بەرپا قىلىش، كېۋەز، ئالقات، باقمىچىلىق، ساياھەتچىلىكتىن ئىبارەت تۆت خىل كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، يېزا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە