باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان دېھقانلار جۇڭگو خەلق مال–مۈلۈك سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ 10مىليون يۈەن تۆلىمىگە ئېرىشتى

2013.06.03 16:29         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نىجات ئىمىن خەۋىرى: 17 – ماي جۇڭگو خەلق مال – مۈلۈك سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسى قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان دېھقانلارغا 10 مىليون يۈەن سۇغۇرتا تۆلىمى بەردى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق سۇغۇرتا تۆلىمى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش سۇغۇرتا تۆلىمى بولۇپ، تۆلەم پۇلى 21 – مايغىچە زىرائەتلىرى ئاپەتكە ئۇچرىغان دېھقانلارنىڭ قولىغا تېگىپ بولغان.

  13 – مايدىن 14 – مايغىچە، ئاقسۇ، قەشقەر ۋىلايىتىدە ئېغىر مۆلدۈر ئاپىتى يۈز بەرگەن بولۇپ، دەسلەپكى مۆلچەرگە قارىغاندا، ئاقسۇ ۋىلايىتى بىلەن قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان قىسمەن ناھىيەلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا زور زىيان يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مارالبېشى ناھىيەسىدە ۋەيران بولغان كېۋەزلىك 56 مىڭ مو، پەيزاۋات ناھىيەسىدە 35 مىڭ مو، مەكىت ناھىيەسىدە 25 مىڭ مو بولۇپ، جۇڭگو خەلق مال – مۈلۈك سۇغۇرتا شىركىتى بۇ ئۈچ ناھىيەدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان يېزا – بازارلىق ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھېساباتىغا 10 مىليون يۈەن سۇغۇرتا تۆلىمىنى كىرگۈزۈپ بەرگەن. 18 – مايدىن 20 – مايغىچە، ئاپەت يۈز بەرگەن جايلاردىكى ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دېھقانچىلىق ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار نەق مەيداندا نازارەت قىلىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش سۇغۇرتا تۆلىمىنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان دېھقانلارنىڭ قولىغا تولۇق تېگىشىگە كاپالەتلىك قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە