باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خرىستىئان مۇرتى نوپۇزلۇق مائارىپچى ئاۋسترالىيەدىكى ئەڭ چوڭ مۇسۇلمانلار مەكتىپىگە كاپىتان بولدى

2013.06.06 15:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مالىك فاخد بولسا ئاۋسترالىيەدىكى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە، ئەڭ داڭلىق مۇسۇلمانلار مەكتىپى. بۇ مەكتەپنىڭ 23 يىللىق تارىخى جەريانىدا، ئۇ تۇنجى قېتىم خرىستىئان مۇرتىنى مەكتەپ مۇدىرى قىلغان.

  راي باررېت كەسپىي مائارىپچى، ئۇ تەجرىبىسى مول بولغان شەخسىي مەكتەپنىڭ تەكشۈرگۈچىسى، ئۇ پېنسىيەگە چىقىش ئالدىدا بۇ خىزمەتنى قوبۇل قىلىپ، بۇ مەكتەپنىڭ گرېناركې مەكتەپ رايونىنىڭ يولغا چۈشۈشىگە ياردەم قىلىدىكەن.

  بەزى كىشىلەر ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، باررېت بولسا ناھايىتى ھەيران قالارلىق تاللاش ھېسابلىنىدۇ. مەكتەپ مۇدىرىيىتىنىڭ باياناتچىسى ئۇنى بۇ خىزمەتكە تەيىنلەشتىكى سەۋەبىنىڭ ئۇنىڭ خىزمەت ئىستاژى ۋە ئۇنىڭ تەجرىبىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

  باررېت بىرىنچى قېتىم ئاتا-ئانىلار بىلەن كۆرۈشكەندە، بىرەيلەن ئۇنىڭدىن ئىسلام تەتقىقات مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىسىز دەپ سورىغاندا، ئۇ HSC فىزىكا ئىلمىنى (يەنى ئۇ ھېچنېمىسىنى بىلمەيدىغان مەسىلە) ھەل قىلغانغا ئوخشاش قىلىمەن دېدى.

  باررېت دوكتور مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئىپادىسى ئەڭ ياخشى مەكتەپ، سىز بۇ مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئارىسىدا دوختۇر، ئادۋۇكات ۋە چىش دوختۇرلىرىنىڭ بارلىقىنى بايقايسىز». ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئارزۇ-تىلەكلىرى بار بولىدۇ، ئۇلار ئۆزرىلىرىنىڭ بالىلىرى ئارقىلىق ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ يېڭى تۇرمۇشنى باشلاشنى ئويلايدۇ.باررېت مۇنداق دەيدۇ: باشقا مەكتەپلەر بىلەن بۇ مەكتەپنىڭ ھېچقانداق ئوخشاشمايدىغان يېرى يوق، ئوخشاشلا كاتولىكنىڭ قىممىتىنى تونۇپ يەتكەن. مەن بۇ يەردىكى بالىلارنىڭ ئەڭ ياخشى بولۇشىغا ياردەم قىلغۇم بار.

  مالىك فاخد مۇسۇلمانلار مەكتىپى ئۈچ مەكتەپ رايونىنى كېسىپ ئۆتكەن، 2500گە يېقىن ئوقۇغۇچىسى بار، 2000 غا يېقىن ئادەم گرېناركې رايونىدا ئوقۇيدۇ. مەكتەپ ئاللىبۇرۇن تويۇنۇپ كەتكەنلىكى سەۋەبلىك، بىر مۇنچە مەكتەپ ساقلاۋاتقانلارنىڭ تىزىملىكى توڭلىتىپ قويۇلغان. مەكتەپ ئىشتات ۋە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنى ياردەم قىلغان مەبلەغكە ئېرىشتى، ئەمما ئالدىنقى ئىككى قېتىم ۋەزىپە ئۆتىگەن مەكتەپ مۇدىرى ئېلىپ تاشلانغان ھەم مەكتەپ ئۇدا پايدىنى كۆزلىگەن دەپ ئەيىبلەنگەندىن كېيىن، بۇ مەكتەپنىڭ كۆپچىلىكنىڭ مۇنازىرىسى ئىچىدە قالغان.

  2010-يىلىدىن بۇيان ئىشاتلىق ھۆكۈمەت بۇ مەكتەپكە ياردەم قىلىنىدىغان مەبلەغنى توختاتقان ھەم بۇرۇنقى مەبلەغلەرنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. باشقۇرۇش ياخشى بولمىغان دېگەن ئەيىبلەشتىن كېيىن، فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى يەنە بۇ مەكتەپكە قارىتا ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن.

  ئەمما باررېت مۇنداق دېدى: تەپتىش قىلىش ۋە تەكشۈرگۈچى خادىملار نەچچە ھەپتە ۋاقىت سەرپ قىلىپ بۇ مەكتەپنىڭ خاتىرىلىرىنى تەپتىش قىلدى، ھازىرغا قەدەر ئۇلار ھەممە ئىشنىڭ ناھايىتى تەرتىپلىك ئىكەنلىكىنى بايقىدى.

  باررېت دوكتور بۇرۇن نۇرغۇن قىيىنچىلىق ئىچىدە قالغان مەكتەپلەرنى قۇتقۇزۇۋالغان، ئۇ ئۆزىنىڭ خىزمىتىنىڭ ئىشەنچكە قايتۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن ئۆگەنگەن ئەڭ مۇھىم ئىش بولسا «قەلبىمىزدىكى بىز ھەممىمىز ئوخشاش».

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە