باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خاگىل: سۇرىيە تەۋەسىدە خىمىيىلىك قۇراللار بارلىقى ھەققىدىكى ئىسپاتنى كۆرمىدىم

2013.06.07 09:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكىنىڭ دۆلەت موداپىئە مىنىستىرى خاگىل 5- ئىيۇن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن سۇرىيە تەۋەسىدە خىمىيىلىك قۇراللار بارلىقى ھەققىدىكى ئىسپاتنى كۆرمىدىم.بىريوسىلدا ئۆتكۈزۈلگەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دۆلەت موداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتناشقان خاگىل مۇنداق دېدى: مەن يىغىن مەزگىلىدە فرانسىيەنىڭ دۆلەت موداپىئە مىنىستىرى ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ مىنىستىرلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتىم . سۆھبەت جەريانىدا ھېچقانداق ئىسپاتنى كۆرمىدىم .فرانسىيەنىڭ دۆلەت موداپىئە مىنىستىرىنىڭ خىمىيىلىك قۇراللار سۇرىيەنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئىشلىتىلىۋاتىدۇ دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. فرانسىيە ئامېرىكىنىڭ قانداق تەدبىر قوللىنىشىنى ئېنىق تەلەپ قىلمىدى.

  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بىر ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى سۇرىيەنىڭ كۈنسايىن يامانلىشىپ كېتىۋاتقان ۋەزىيىتىدىن ئەمدىزە قىلىدۇ. لېكىن ئەمەلىيەتتە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بۇ ئىشقا ئارىلىشىش مۇمكىنچىلىكى يوق. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئالىي ھەربىي ئەمەلدارى، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ تۆت يۇلتۇزلۇق گېنېرال پولكوۋنىكى 4- ئىيۇن مۇنداق دېدى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋەتەنپەرۋەر ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ تۈركىيەنى قوغدىدى. بۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق پىلانى يوق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە