باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بەش تور بېكەت بىر تەرەپ قىلىندى

2013.06.08 14:17         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالاقە تورىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى يېقىندا تورداشلارنىڭ پاش قىلىشىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قىسمەن تور بېكەتلىرىنى مەخسۇس تەكشۈردى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۈرۈمچى ئۇچۇر پورتى، باغداش تورى قاتارلىق بەش تور بېكىتىنىڭ تىجارەت باشقۇرۇش، ئۇچۇر تارقىتىش، مەزمۇن ئېلان قىلىش قاتارلىق جەھەتلىرىدە قانۇن – بەلگىلىمىگە خىلاپ مەسىلىلەر ساقلانغانلىقى بايقىلىپ، قانۇن بويىچە مۇناسىپ بىر تەرەپ قىلىندى.

  ئۈرۈمچى ئۇچۇر پورتى 2004 – يىلى دۆلەت ئالاقە تورى ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن. بۇ تور بېكىتىنىڭ قۇرۇلۇشى دۆلەتنىڭ ئالاقە تورى ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت كەسپى تەرەققىياتىنىڭ تەلىپىگە ماس كەلمىگەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئالاقە تورى كەسپىگە مەسئۇل تارماق دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسىغا بۇ تور بېكىتىنىڭ ئالاقە تورى ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاشنى ئىلتىماس قىلدى.

  ئۆي – مۈلۈك چوڭ بازار تور بېكىتى تۈرلۈك دىپلوم، گۇۋاھنامە قاتارلىقلارغا ئائىت يالغان ئۇچۇرلارنى تارقاتقان، بۇ تور بېكىتى چەكلىك مۇددەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇلدى.

  باغداش تورى دۆلەتنىڭ قانۇن – نىزاملىرىغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى تارقاتقان. ئالاقە تورىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى بۇ تور بېكىتىنىڭ مەسئۇلىغا كۆپ قېتىم تەربىيە بېرىپ، ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، بەلگىلىمە بويىچە تۈزەتمىگەن، قىلمىشى ئېغىر بولغاچقا، ‹‹كومپيۇتېر ئۇچۇر تورى ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكىنى قوغداش، باشقۇرۇش چارىسى››گە ئاساسەن، بۇ تور بېكىتىگە ئۈچ ئاي توختىتىپ تەرتىپكە سېلىش جازاسى بېرىلدى.

  ‹‹شېنشۆباۋ›› مۇنبىرى باشقا تورلارنىڭ نامىدا مۇنبەر ئاچقان ھەم قىمار مەزمۇن قىلىنغان، قانۇن – بەلگىلىمىگە خىلاپ نۇرغۇن ئۇچۇر تارقاتقان، بۇ تور بېكىتى قانۇن بويىچە تاقالدى.

  تور دۇنياسى تور بېكىتى تور بېكىتىدە ئەنگە ئالدۇرۇش رەسمىيىتى بېجىرمەي، بەلگىلىمىگە خىلاپ ئۇچۇر تارقاتقاچقا، بۇ تور بېكىتى قانۇن بويىچە تاقالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە