باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭدا10-ئىيۇندىن باشلاپ تاكسى باھاسى ئۆسىدۇ

2013.06.07 15:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  6-ئاينىڭ 6-كۈنى، بېيجىڭ شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ۋە شەھەرلىك قاتناش كومىتېتى تاكسى باھاسىنى تەڭشەش لايىھەسىنى ئېلان قىلدى. لايىھەدە مۇنداق بەلگىلەندى: ئۈچ كېلومېتىر ئىچىدە تاكسىنىڭ قوزغىلىش باھاسى 10 يۈەندىن 13 يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ، ھەر كىلومېتىرىنىڭ باھاسى 2 يۈەندىن 2.3 يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ، ئەتىگەن ۋە كەچتىكى قاتناش قىستاڭچىلىق مەزگىلدە تۆۋەن سۈرئەتتە يۈرۈش ۋە ساقلاش ھەققى ئۈچۈن ھەر بەش مىنۇتقا ئىككى كىلومېتىرلىق ئىجارە ھەققى قوشۇپ ئېلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تاكسىغا بىرلىكتە ئولتۇرۇش ھەققىنى ھېسابلاش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، تاكسى چاقىرىش مۇلازىمەت ھەققى تەڭشەلدى.

  بېيجىڭ شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىكى ئالاقىدار ئەرباب مۇنداق دېدى، «تاكسى توسۇش قىيىن بولۇش» ئۇنىۋېرسال مەسىلە بولغاچقا، يانداش تەدبىرلەرنى ئۇنىۋېرسال يولغا قويۇشقا توغرا كېلىدۇ. كېيىنكى قەدەمدە «ھۆددە ھەققى»، «قانۇنسىز توشۇشقا زەربە بېرىش»كە ئالاقىدار سىياسەتلەرنى تۈزۈپ يولغا قويۇش مۇھىم نۇقتا قىلىنىدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە