باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراق پايتەختىدە ئاپتوموبىل بومبا ۋەقەسى يۈز بېرىپ تۆت ئادەم قازا قىلىپ، 20 ئادەم يارىلاندى

2013.06.09 14:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 9-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى، ئىراق پايتەختى باغدادتا 8-ئىيۇن ئاپتوموبىل بومبا ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ھازىرغىچە تۆت ئادەم قازا قىلىپ، 20 ئادەم يارىلاندى، يارىلانغانلار ئىچىدە تۆت نەپەر ئۆسمۈر بالىمۇ بار.

  مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا پارتلاش ۋەقەسى ئىراق پايتەختى باغدادنىڭ جەنۇبىدىكى بىر شىيە مەزھىپىدىكلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايوندا يۈز بەرگەن بولۇپ، ئىگىلىنىشىچە، پارتلاش يۈز بەرگەن رايون بىر ئامبولاتورىيەنىڭ يېقىن ئەتراپى ئىكەن.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 1-ئىيۇندىكى باياناتىدا، ئىراقتا بۇ يىل بەشىنچى ئايدا تېرورلۇق ھۇجۇمى ۋە زوراۋانلىق توقۇنۇشىدا ئۆلگەن ئادەم سانى 1045كە يېتىدۇ دەپ ئېلان قىلغان بولۇپ، يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيانقى بىر ئايدىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىنى ياراتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە