باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ جىلىندىكى ئېغىر ئوت ئاپىتى ھەققىدە مۇھىم يوليورۇق بەردى

2013.06.08 15:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  3-ئىيۇن سائەت ئالتە يېرىم ئەتراپىدا، جىلىن ئۆلكىسى دېخۇي شەھىرى مىشازى بازىرى باۋيۈەنفېڭ قۇشچىلىق شىركىتىدە پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، ئېغىر ئۆلۈم-يېتىم بولدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، چەتئەلدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ دەرھال مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇشقا تەشكىللەپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن يارىدارلارنى قۇتقۇزۇپ، ئۆلۈم-يېتىمنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىپ، قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەش؛ ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاپ، مەسئۇلىيەتنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈش؛ ساۋاقلارنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، پەۋقۇلئاددە ئېغىر ۋەقە يۈز بېرىشتىن قەتئىي ساقلىنىشنى تەلەپ قىلدى.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرى لى كېچياڭ يوليورۇق بېرىپ، ئادەم قۇتقۇزۇشنى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، ئوت ئۆچۈرۈش، داۋالاش قاتارلىق كۈچلەرنى جىددىي يۆتكەپ، ئۈنۈملۈك قۇتقۇزۇش؛ ئالاقىدار مەسئۇل كىشىلەرنى قانۇن، بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، يەنىمۇ تەدبىر قوللىنىپ، مۇشۇنداق ۋەقە يۈز بېرىشنى ئۈنۈملۈك توسۇشنى تەلەپ قىلدى.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، دۆلەت كومىسسارى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گو شېڭكۈن 3-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى خىزمەت گۇرۇپپىسىنى باشلاپ، دېخۇي شەھىرىگە جىددىي يېتىپ بېرىپ، باش سېكرېتار شى جىنپىڭ، باش مىنىستىر لى كېچياڭ ۋە جاڭ گاۋلى، ماكەي، مېڭ جيەنجۇ، ۋاڭ يوڭ قاتارلىق مەركەز رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، نەق مەيداندىكى قۇتقۇزۇش ۋە كېيىنكى ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى، يارىدارلارنى يوقلىدى ۋە ھال سورىدى.

  گو شېڭكۈن سائەت 17 لەردە، چاڭچۈنگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، دەرھال نەق مەيدانغا بېرىپ، ئەھۋاللارنى ئەمەلىي كۆزدىن كەچۈرۈپ، قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى، قۇتقۇزغۇچىلاردىن ھال سورىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتىكى 1-ۋەزىپە-پۈتۈن كۈچ بىلەن ھايات قالغۇچىلارنى قۇتقۇزۇش، ئازراقلا ئۈمىد بولىدىكەن، چوقۇم پۈتۈن كۈچنى سەرپ قىلىپ قۇتقۇزۇش كېرەك، ھەر بىر يارىدارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن داۋالاش لازىم.

  شۇ كۈنى كەچتە، گو شېڭكۈن دېخۇي شەھىرى مىشازى بازىرىدا يىغىن ئېچىپ، جىلىن ئۆلكىلىك پارتكوم، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ۋەقە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى، كېيىنكى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە