باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورىيە بىلەن چاۋشيەننىڭ ھۆكۈمەتلەر ئارا سۆھبىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

2013.06.13 08:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كورىيە بىرلىككە كەلتۈرۈش مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كىم جيوڭشى تۈنۈگۈن مۇخبىرلار يىغىنىدا كورىيە بىلەن چاۋشيەننىڭ سۆھبەتتنىڭ باش ۋەكىلىنىڭ دەرىجىسى مەسىلىسىدە ئىختىلاپى بولغانلىقتىن، 12-ئىيۇن ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ھۆكۈمەتلەر ئارا سۆھبىتى نائىلاج ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى دېدى.

  كىم جيوڭشى مۇنداق دېدى: چاۋشيەن كورىيەنىڭ باش ۋەكىلىنىڭ مۇئاۋىن دەرىجىلىك ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، كورىيەنىڭ بۇنداق قىلىشى بىزنى ئەخمەق قىلغانلىق دەپ قارىدى ھەمدە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىش پىلانىمىزنى قويۇپ تۇرىدىغان بولدۇق، كورىيە سۆھبەتنىڭ ئەمەلدىن قالدۇۇلۇشىغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك دېدى.

  چاۋشيەن دائىرىلىرى 6-ئىيۇن ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئارا سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش تەكلىپى بەرگەندىن كېيىن، كورىيە دائىرىلىرى بۇنىڭغا دەرھال ئىنكاس قايتۇردى ھەمدە كورىيە بىلەن چاۋشيەننىڭ مىنىستىر دەرىجىلىكلەر سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش تەكلىپى بەردى. چاۋشيەن مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، چاۋشيەن تەرەپ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدار ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە