باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگولۇق 45 قانۇنسىز ئالتۇن قازغۇچى گانادىن ئايرىلدى

2013.06.09 13:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ گانادىكى باش ئەلچىخانىسى قانۇنسىز ئالتۇن قازدى دەپ گۇمان قىلىنغان تۇنجى تۈركۈمدىكى 45 جۇڭگولۇقنىڭ تۈنۈگۈن ئەلچىخانىنىڭ ياردىمىدە گانا كان رايونىدىن ئايرىلغانلىقى، ئۇلارنىڭ دۆلەتكە قايتىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى جەزملەشتۈردى.

  جۇڭگونىڭ گانادىكى باش ئەلچىخانىسى سىياسىي باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى يۈجې مۇنداق دېدى: بۇ كىشىلەر ئاساسلىقى ئاساد ئۆلكىسىنىڭ ئوباسى رايونىدىن ئايرىلدى. ھازىر ئۇلار جۇڭگولۇق خىزمەتچىلەر ۋە گانا كۆچمەنلەر ئىدارىسى ئەمەلدارلىرىنىڭ ھىمايىسىدە گانانىڭ پايتەختى ئاككاراغا باردى، ئەلچىخانا ئۇلارنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، دۆلەتكە قايتىشىغا ياردەملەشمەكتە.

  14-ماي گانا پىرېزىدېنتى قانۇنسىز ئالتۇن قازغۇچىلارغا زەربە بېرىدىغان مىنىستىر دەرىجىلىك بىرلەشمە خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ گۇرۇپپا مەركەز ۋە يەرلىك تارماقلارنىڭ بىرلىشىپ قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىگە قوماندانلىق قىلىدۇ ۋە ماسلاشتۇرىدۇ. قانۇن ئىجرا قىلىش ئوبيېكتى گانادا قانۇنسىز ئالتۇن قازىدىغان گانالىق ۋە چەتئەللىكلەر ھەمدە گانانىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ كان قېزىش ئىجازىتى ۋە يەرلىرىنى چەتئەللىكلەرنىڭ باشقۇرۇشىغا سېتىپ بەرگەن ۋە ئۆتۈنۈپ بەرگەن يەرلىك كىشىلەر. 6-ئىيۇنغىچە گانادىكى قانۇنسىز ئالتۇن قېزىشقا چېتىشلىق 169جۇڭگولۇق تۇتۇۋېلىنغان.

مۇناسىۋەتلىك ئۇلانما: گانا قانۇنسىز ئالتۇن كان قازغان 124 جۇڭگو پۇقراسىنى قولغا ئالدى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە