باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما بىلەن كۆرۈشتى

2013.06.09 13:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن 8-ئىيۇن كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ ئاننېنبېرگ قورۇقىدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى تەرەپ سەمىمىي، دوستانە پاراڭلاشتى.

  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىردەك مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. ئىككى تەرەپ ئورتاق تېرىشىپ، ئالاقىنى ساقلاپ، كۆرۈشۈشتىكى ئورتاق تونۇش ۋە نەتىجىلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزلۈكسىز راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  شى جىنپىڭ بىلەن پېڭ لىيۈەن ئوباما ۋە ئامېرىكىنىڭ قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقى ھەم ئۇچرىشىشنى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى.

  ئوباما يەنە رەپىقىسى مىچىلنىڭ پېڭ لىيۈەنگە يوللىغان سالىمى ھەم مىچىلنىڭ پېڭ لىيۈەنگە ئۆز قولى بىلەن يازغان قارشى ئېلىش خېتىنى يەتكۈزدى. مىچىل خېتىدە پېڭ لىيۈەننىڭ ئامېرىكىدىكى زىيارىتىنىڭ كۆڭۈللۈك بولۇشىنى تىلىدى، پات ئارىدا قىزلىرىنى ئېلىپ جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل