باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹مىليارد يۈەنلىك قۇرۇلۇش›› تۈرى رەسمىي باشلاندى

2013.06.09 15:29         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: ئاپتونوم رايون 8-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە ئاخبارات ئېلاپ قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ‹‹مىليونلىغان قۇرۇلۇش›› تۈرىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئاپتونوم رايون 2013-يىلىدىن 2017-يىلىنىڭ ئاخىرغىچە 100 مىليارد خەلق پۇلىدىن ھالقىغان كەسىپلەردىن سەككىزنى، 100 مىليارد خەلق پۇلىدىن ھالقىغان كەسىپلەر سانائەت باغچا رايونىدىن بەشنى ۋە 10 مىليارد خەلق پۇلىدىن ھالقىغان چوڭ شىركەت-گۇرۇھلاردىن 50 نەچچىنى نۇقتىلىق تەربىيەلەپ چىقىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەۋزەل كەسىپلەر، باغچا رايونلىرى، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا، شۇنداقلا شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۈرەش مەخسۇت يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر خۇ كەيجياڭ ‹‹مىليارد يۈەنلىك قۇرۇلۇش›› تۈرىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

  ئىگىلىنىشىچە، نېفىت-خىمىيە ئاپتونوم رايوننىڭ 1-چوڭ كەسپى بولۇپ، 2012-يىلىدىكى سانائەت ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 287 مىليارد يۈەنگە يەتكەن. ئاپتونوم رايون 2015-يىلىغا بارغاندا نېفىت-خىمىيە سانائىتىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنى 400 مىليارد يۈەنگە، 2017-يىلى 600 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2012-يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ كۆمۈر-خىمىيە سانائىتى ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنى 90 مىليارد يۈەندىن كۆپرەككە، رەڭلىك مېتاللار سانائىتى ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 31 مىليارد يۈەنگە، پولات-تۆمۈر سانائىتى ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 85 مىليارد يۈەنگە، ئېلېكتىر سانائىتى ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 57 مىليارد يۈەنگە، يىنىك سانائەت كەسپىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 65 مىليارد 170 مىليون يۈەنگە، ماشىنىسازلىق ياساش كەسپىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 36 مىليارد يۈەنگە، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى سانائىتىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 42 مىليارد يۈەنگە يەتكەن. ‹‹مىليارد يۈەنلىك قۇرۇلۇش›› تۈرىنىڭ تەرەققىيات نىشانى بويىچە، بۇ يەتتە چوڭ كەسىپنىڭ مەھسۇلات قىممىتىنى 2017-يىلىغا بارغاندا 100 مىليارد يۈەنلىك ئۆتكەلدىن ئاشۇرۇش نىشانى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە