باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ئىرانغا يەنە جازا قوللىنىپ، ئىراننىڭ چوڭ سايلىمىنى قالايمىقانلاشتۇرماقچى(1)

2013.06.13 08:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىراننى جازالايدىغان ئەڭ يېڭى تەدبىرنى ئېلان قىلدى. بۇ قېتىمقى جازا تۇنجى قېتىم ئىراننىڭ پۇلىغا قارىتىلدى، بۇندىن باشقا ئاپتوموبىل ساھەسىمۇ بار، نېفىت، تەبىئىي گاز ساھەسىدىن باشقا ئىران ئەڭ كۆپ ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيدىغان نۇرغۇن ساھەلەرگىمۇ چېتىلدى. 1-ئىيۇلدىن باشلاپ، ئامېرىكا ھۆكۈمەتنىڭ شۇنداقلا ئەل ئارىسىدىكى كارخانىلارنىڭ ئىرانغا ئالتۇن سېتىپ بېرىشىنى چەكلەيدۇ.

  ۋاشىنگتون نېمىشقا تېھرانغا يۈرگۈزگەن جازاسىنى ئۈزۈلدۈرمەي كۈچەيتىدۇ؟

  ئاق ساراينىڭ باياناتچىسى كارنى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراننىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇشىنى چەكلەش تىرىشچانلىقىنىڭ تەركىبىي قىسمى، بۇ ئىراننىڭ خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن رىقابەتلىشىش كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىغانلىق، دېدى.

  تەھلىلچىلەرنىڭ ھېسابلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ بۇ پەيتنى تاللاپ يېڭى جازا تەدبىرىنى ئېلان قىلىشى، 14-ئىيۇن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىران پىرېزىدېنت سايلىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن، سايلامغا توسقۇنچىلىق قىلىش مەقسىتى ناھايىتى ئېنىق ئىكەن، ئەمما نەتىجىسى ياخشى بولماسلىقى مۇمكىن.

  بۇ قېتىمقى سايلامدا رىقابەتلىشىدىغان نامزاتلارنىڭ ھەممىسىنى ئالىي رەھبەر ھامىنىي قوبۇل قىلالايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ئىراننىڭ ھازىر يولغا قويۇلىۋاتقان سىياسىي تۈزۈلمىسىنى قوللايدۇ، ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي جازا بىلەن سايلامنى قالايمىقانلاشتۇرۇش مەقسىتىنىڭ ئىشقا ئېشىشى ناھايىتى تەس. ئەكىسچە، ئىران ھۆكۈمىتى ئاممىنىڭ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇش پىسخىكىسىغا تايىنىپ ئاۋامنى تېخىمۇ ئۇيۇشتۇرالايدۇ.

  ھازىرقى ۋەزىيەتتە، ئىراننىڭ ئالىي رەھبىرى ھامىنى پىرېزىدېنت نامزاتلىرىنى غەرب ئەللىرىگە باش ئەگمەسلىككە، ئىراننىڭ مەنپەئىتىنى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئالدىغا قويۇشقا دەۋەت قىلدى، 8 نەپەر پىرېزىدېنت نامزاتىمۇ يادرو پىلانىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە